تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۆكتوقايدا گۆھەر ئىزدەش، كۆكتوقاي روھىنى ھېس قىلىش

  

9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسىدە 2019 ـ يىللىق شىنجاڭنىڭ گۆھەر ئىزدەش سەپىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى ( ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خۇ جىنلياڭ خەۋىرى، فوتوسى): 9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسىدە 2019ـ يىللىق شىنجاڭنىڭ گۆھەر ئىزدەش سەپىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، مەملىكەتنىڭ گۆھەر، قاشتېشى ساھەسىدىكى ئەزىز مېھمانلار ۋەكىللىرى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەر كۆكتوقاي ناھىيەسىگە يىغىلىپ، كۆكتوقاي بازىرىنىڭ 2ـ كان جىلغىسى، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى گۆھەر جىلغىسى، شىگۇ 480 ياقۇت كېنى، كۇۋېي ئانار تېشى كېنىغا كېلىپ، گۆھەرلەرنىڭ سىرىنى ئىزدەپ، كۆكتوقاي روھىغا ۋارىسلىق قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ «تەبىئىي بايلىق يوشۇرۇنغان» دېگەن نامى بار بولۇپ، «بايلىقى مول» دېگەن نامىمۇ كەڭ تارالغان، ناھىيە تەۋەسىدىكى كانلاردا قېزىلما بايلىقلار مول، كۆك ياقۇت، تۇرمالىن، خىرىستال، سۆسۈن قاشتېشى، ئانار تېشى قاتارلىق ياقۇت - قاشتېشىنىڭ ئەسلىي ماكانىدۇر، شۇنداقلا رەڭدار سېرىق قاشتېشى، دۇرېخوڭ، ياقۇت نۇرى، گۈللۈك قاشتېشى چىقىدىغان مۇھىم جاي. ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئاجايىپ تاشلىرى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭ چىقارغان، «جۇڭگونىڭ ياقۇت ماكانى»، «جۇڭگو تاشلارنى تاماشا قىلىش ماكانى» ھېسابلىنىدۇ.

  گۆھەر ئىزدەش سەپىرى باشلىنىشتىن بۇرۇن، كۆپچىلىك ئالدى بىلەن كۆكتوقاي ناھىيەلىك گېئولوگىيە كۆرگەزمىخانىسى، 3- نومۇرلۇق كان تومۇرى، ئايغوز كېنىغا بېرىپ، خىزمەتچى خادىملاردىن كۆكتوقاينىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى ئاڭلىدى، پېشقەدەم كان ئىشچىلىرىنىڭ كۆكتوقاي بىلەن ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ياراتقان «جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھى، خالىس تۆھپە قوشۇش روھى، ۋەتەن ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈش روھى» قاتارلىق كۆكتوقاي روھىنى ھېس قىلدى.

  «خىزمەتچى خادىملارنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ، كۆكتوقايدىكى ھەربىر تاغ، ھەربىر كانغا دەۋر ئىزنالىرىنىڭ مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى چۈشەندىم، ھەربىر پېشقەدەم كان ئىشچىسىغا كۆكتوقاي روھىنىڭ دەۋر قىممىتى مۇجەسسەملەنگەنىكەن. بۇ قېتىمقى گۆھەر ئىزدەش سەپىرىمدە يۇقىرىقىلار مەن ئېرىشكەن ئەڭ قىممەتلىك بايلىق، مول مەنىۋى بايلىق بولدى» دېدى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان تاڭ خانىم، ئۇ يەنە گۆھەر ئىزدەش جەريانىدا بىر پارچە بېرىللىي تەركىبلىك تاش ئەۋرىشكىسىنى تېپىۋېلىشنى، ئۇنى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە ساقلاپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  گۆھەر ئىزدەش سەپىرىدە بەزى ساياھەتچىلەر ساپلىقى بىر قەدەر ياخشى بولغان يېشىل تۇرمالىنى، بەزىلىرى كۆك ياقۇت، رۇدا ئەۋرىشكىسىنى تېپىۋالدى، يەنە بەزىلىرى سۈرەت تېشى تېپىۋالدى، كۆپچىلىك بىر - بىرىنىڭ تېشىدىن ھۇزۇرلاندى، جىمجىت بۇ تاغنىڭ ئىچكىرىسى قاينام - تاشقىنلىققا تولدى.

  e

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى