تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بۇرچىن ناھىيەسى ئىستىراھەت دەم ئېلىشىدا «يېڭى ئىسىم كارتىسى» يارىتىدۇ

    تىيانشان تورى خەۋىرى: بۈگۈنكى كۈندە، ئاممىۋى ئىستېمال قارىشىنىڭ ئەنئەنىۋى ساياھەت قىلىشتىن ئىستىراھەت ساياھىتىگە ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بىر خىل ساغلام، مودا ئارام ئېلىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىپ، تەدرىجىي ھالدا ساياھەتچىلەرنىڭ يېڭى تاللىشىغا ئايلاندى.

  ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىللىق، خاسلاشقان ساياھەت مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇرچىن ناھىيەسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ئۆلچەملەشكەن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش بارگاھى قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل 4-ئايدا، قاناس ئاق قېيىنزارلىقىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش بارگاھى تۈرى قوزغىتىلدى.

  بۇ بارگاھ شەرقتە ئېرتىش دەرياسىغا، شىمالدا چىسەي دەرياسى ئىستىراھەت ساياھەت ئارامگاھىغا يېقىن، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، ئۆزگىچە قۇملۇق، چۆللۈك مەنزىرىسى ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولۇپ، كوللېكتىپ قونالغۇ مۇلازىمىتى، ئۆزگىچە يېمەك - ئىچمەك، ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، ئاپتوموبىل مۇلازىمىتى، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، ئەركىن ساياھەت، ئېكسكۇرسىيە ساياھىتى، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇنىۋېرسال ھېس قىلىش تۈرى مول بولغان ئىستىراھەت ئارامگاھى ھېسابلىنىدۇ.

  « بىز ‹مەنزىرە رايونى + ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش بارگاھى› قۇرۇلۇشىنى نۇقتا، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لىنىيەسىنى لىنىيە قىلىپ، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكتىكى ئەۋزەل بايلىقىنى ئورگانىك بىرىكتۈرۈپ، ئارقىمۇ-ئارقا تۇتاشتۇرۇپ، قاناس ئاق قېيىنزارلىقى بۇرچىن ئاپتوموبىل بارگاھىنى بۇرچىن ناھىيەسى ساياھەت تۇرمۇشىنىڭ ‹يېڭى ئىسىم كارتىسى› قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، 2020 ـ يىلى 6 ـ ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىدۇق» دېدى قاناس ئاق قېيىنزارلىق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش بارگاھى تۈرىنىڭ مەسئۇلى لۇەن شياۋبو.

  ھازىرغا قەدەر، بۇرچىن ناھىيەسى بۇ يىل كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 4 مىليون 578 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 48.71 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، ئەركىن ساياھەت قىلىش قاتارلىق تارقاق ساياھەتچىلەر 2 مىليون 348 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ساياھەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ % 51.29نى ئىگىلىدى. قاناس ئاق قېيىنزارلىق بۇرچىن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش بارگاھى پۈتكەندىن كېيىن، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ناھىيە بازىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش بېسىمىنى يېنىكلىتىپلا قالماي، يەنە ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ، شەھەر ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى