تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قارا يامغۇر كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى، ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى بىراقلا ℃10 تۆۋەنلەيدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى، جاڭ ۋەندې فوتوسى) خەيرلىك سەھەر دوستلار! بۈگۈن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، ئالدى بىلەن بارلىق سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  9- ئاينىڭ 9- كۈنى، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قارا يامغۇر كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى: 9- ئاينىڭ 9- كۈنى كېچىدىن 9- ئاينىڭ 10- كۈنى كۈندۈزگىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ.

  بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يامغۇر ياغىدۇ، ئالتاي شەھىرى، سانجى شەھىرى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ. شەرقىي شىنجاڭ رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاقسۇ شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، ئاتۇش شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بەزىدە قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃14، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11، 4~5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا تۈنۈگۈنكى (9-ئاينىڭ 9-كۈنى) ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا بۈگۈن بىراقلا ℃10 چۈشۈپ كەتتى.

  تېمپېراتۇرانىڭ شىددەتلىك ئۆزگىرىشىدە ناھايىتى تېزلا سوغۇق ئۆتۈپ زۇكام بولۇپ قالىدۇ، ئەتىگەن، كەچتە سىرتقا چىققاندا چوقۇم چاپان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى