تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭلىق ھەر مىللەت تەنھەرىكەتچىلەر جېڭجوۋغا يېتىپ كەلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شىنجۈن خەۋىرى): 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. 9-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن 165 كىشى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تەنھەرىكەتچى، تىرېنېر، كوماندا يېتەكچىسى 119 كىشى، ئۇلار سەككىز تۈرلۈك مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە مۇسابىقە تۈرى بەش: چامباشچىلىق، ئىلەڭگۈچ، بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش، مىللىيچە چېلىشىش، مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى؛ ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى ئۈچ: دارۋازلىق، سارغايدى (بوشلۇقتا پىرقىراش)، مەررە توپ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى