تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يەكەن ناھىيەسى: ئەينۇلا زور پايدا ئېلىپ كەلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز بۇرابىيە، رېھىمقىز خەۋىرى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم تىرەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازار ئىستىقبالى ياخشى، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى روشەن بولغان ئەينۇلا كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ «قان ئىشلەپچىقىرىش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  يېقىندا، زەرەپشات يېزىسىدىكى ئەينۇلا بېغىدا ئەينۇلا شاخلارغا لىق تولغان بولۇپ، مول ھوسۇللۇق مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قوشتېرەك كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئەمەت يۇرتداشلار بىلەن بىللە پىشقان ئەينۇلىلارنى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولدى، بىر كىلوگىرامىنى 15-24 يۈەندىن يېقىن ئەتراپتىكى سودىگەرلەرگە ساتتى، سېتىش قولايلىق، كىرىم كۆرۈنەرلىك بولدى. ئەمەت ئائىلىسىدىكىلەر ئەينۇلىغا تايىنىپ 12 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. مەمەت زەرەپشات كەنتىدىكى ئەينۇلا ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىسى، ئۇ مۇنداق دېدى: «يېزا ھەقسىز خىمىيەۋى ئوغۇت بىلەن تەمىنلىدى، يەنە بىزگە ياردەملىشىپ پەرۋىش قىلىپ، ھەقسىز تېخنىكا ئۆگەتتى، ئالاقىلىشىش ئارقىلىق سېتىش يولى تېپىپ بەردى، ئەينۇلا سېتىشتىن ئاساسەن غەم قىلمايمىز، بۇ يىل 20 مو ئەينۇلىنى 150 مىڭ يۈەنگە ساتتىم، بۇنىڭدىن مەن بەك خۇشال، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت، يېزا-كەنت كادىرلىرىغا رەھمەت».

  زەرەپشات يېزىسى ئەينۇلا كەسپىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن، بېيىش تىپلىرىنى پائال تۇرغۇزۇپ، تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تىرىشىپ قوزغىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەينۇلا تېرىش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ مەھسۇلات سېتىش يوللىرىنى پائال ھەل قىلىپ، 2020-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ھازىر يېزا بويىچە 13 كەنتتىكى ئەينۇلا تېرىش كۆلىمى 5000 موغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1000 مو ئەينۇلا مېۋە بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى