تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 9- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لو جېڭگۇاڭ، ليۇ خۇەيپى) 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى خېنەن جېڭجوۋدا داغدۇغىلىق باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

قەدىمىي پايتەخت جېڭجوۋدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك زېمىنىدا ھەممە كىشى شاد - خۇراملىققا چۆمگەنىدى. ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدىكى تەنھەرىكەت مەيدانىدا 56 مىللەت بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ جۇشقۇن مېلودىيەسىنى ئورتاق ياڭراتتى. سائەت 20دە، باشلىنىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە نەق مەيداندىكى 40 مىڭغا يېقىن تاماشىبىن دۆلەت بايرىقى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنىڭ مەيدانغا كىرىشىنى كۈتۈۋالدى. ھەر مىللەت تەنھەرىكەتچىلەر مىللىيچە چىرايلىق كىيىنگەن، كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق بولۇپ، مەردانە قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كەلدى. ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مېڭىش جەريانىدا 30 سېكۇنت توختاپ كۆرسەتكەن ئويۇنلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گۈلزارلىقىنىڭ رەڭدار، كۆپ خىللىقىنى نامايان قىلىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى ۋە ئۇلارنى مەستخۇش قىلدى.

سائەت 20دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋاڭ ياڭ: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى! دەپ جاكارلىدى. شۇ پەيتتە رەڭگارەڭ ساليوتلار كېچە ئاسمىنىدا ئېتىلىپ، جېڭجوۋ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىنى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندۇردى.

ئارقىدىنلا «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» باش تېمىسىدىكى ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. ئويۇن «جۇڭخۇاغا مەدھىيە»، «رەڭدار خېنەن»، «ئارزۇنى باغاشلاش»تىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى نامايان قىلىندى، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەدھىيەلەندى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق كەلگۈسى نامايان قىلىندى. ئويۇننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا، ھەر مىللەت قېرىنداشلار تولۇپ تاشقان چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق ناخشىنى بىرلىكتە ياڭراتتى. مەيداندا يېڭى جۇڭگو دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 70 يىللىقىغا سىمۋول قىلىنغان «70» دېگەن سان ھاسىل قىلىنىپ، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا ئورتاق بەخت تىلەندى.

باشلىنىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، ۋاڭ ياڭ جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە - مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ۋە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى ۋە خىزمەتچى خادىملار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم سۇپا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئەۋزەللىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ «ئالىي مۇكاپات لوڭقىسى»نى ئورتاق كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۇنلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يوۋ چۈەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتېر باشلىنىش سۆزى قىلدى. خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوشېڭ قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گوۋ جۇڭۋېن باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى توققۇز كۈن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەمدە تەيۋەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 7009 تەنھەرىكەتچى ئوقيا ئېتىش، بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش، يەككە بامبۇكتا لەيلەش قاتارلىق 17 مۇسابىقە تۈرى ۋە 194 ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىدە مۇسابىقىلىشىدۇ. تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە يەنە مىللەتلەر چوڭ بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىشى قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى