تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يوشۇرۇن ئۇرۇش سېپىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى − پەن خەننيەن

پەن خەننيەننىڭ سۈرىتى. (ماتېرىيال سۈرەت) شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 8- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر چيۇ بىڭچىڭ) جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يىشىڭ شەھىرى لۇپىڭ كەنتىدىكى پەن خەننيەننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا كىرگەندە، پەن خەننيەننىڭ يېرىم بەدەن مىس ھەيكىلى كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقىدۇ. كۆرگەزمە زالىدا، ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى بەزى تەستىقىي ھۆججەتلەر ۋە شېئىر ئارگىنالى قاتارلىقلار تىزىلغان، 200 پارچىگە يېقىن سۈرەت، تېكىست پەن خەننيەننىڭ پۈتۈن ھاياتىنى نامايان قىلغان.

پەن خەننيەن، 1906- يىلى جياڭسۇ يىشىڭدا تۇغۇلغان، 1925- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. پارتىيەمىزنىڭ يوشۇرۇن ئۇرۇش سېپى، مەدەنىيەت سېپى ۋە بىرلىك سېپىنىڭ مەشھۇر رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پەن خەننيەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلابىي كۈرەش داۋامىدا، پارتىيە تاپشۇرغان مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلغان ھەم كۆپ قېتىم قالتىس تاماملىغان، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى ۋە جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ھەم ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كۆپ قېتىم پارتىيە ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئاخباراتنى قولغا كەلتۈرگەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان.

يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پەن خەننيەن مەركىزىي سوۋېت رايونىغا بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن جياڭشى سوۋېت رايونىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي بىيۇروسى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، جەنۇبىي جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان. 1933- يىلى 10- ئايدا، پەن خەننيەن مەركىزىي سوۋېت ھۆكۈمىتى ۋە ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، فۇجيەنگە بېرىپ 19- ئارمىيە بىلەن سۆھبەتلىشىپ، «ياپونغا قارشى، جياڭ جيېشىغا قارشى دەسلەپكى كېلىشىم»نى ئىمزالىغان، كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- ئارمىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان. 1934- يىلى 10- ئايدا، پەن خەننيەن مەركىزىي قىزىل ئارمىيەگە ئەگىشىپ ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان.

1936- يىلى، پەن خەننيەننىڭ مەركەزنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، «سابىق جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە خەلق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ۋېييۇەنجاڭى»لىق سالاھىيىتى بىلەن، موسكۋادا گومىن ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارى دېڭ ۋېنيى بىلەن ئۇچرىشىشى قىزىل ئارمىيەنىڭ بىرلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسىنى بىلدۈرۈپ، 2- قېتىملىق گومىنداڭ - كومپارتىيە ھەمكارلىقى سۆھبىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. شىئەن ۋەقەسىنىڭ ئالدى - كەينىدە، پەن خەننيەن پارتىيەمىزنىڭ ئالاقىلەشكۈچىسى ۋە سۆھبەت ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن، نەنجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئالاقە باغلاپ، شىئەن ۋەقەسىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل بولۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، پەن خەننيەن شاڭخەي، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا ياپون قورچاق ئارمىيەسىگە قارىتىلغان ئاخبارات خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتلاش ئالدىدا، ياپون قورچاق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئاخباراتقا ئېرىشكەن ھەم شاڭخەيدىن خۇەينەن، شىمالىي جياڭسۇدىكى ئازاد رايونلارغىچە بولغان يەر ئاستى قاتناش لىنىيەسىنى بەرپا قىلغان، «جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى»دىن كېيىن مۇھىت ناچارلاشقان ئەھۋالدا، شاڭخەي ۋە ئازاد رايونلاردىكى خادىملار ۋە ماددىي ئەشيالار ئالاقىسىگە كاپالەتلىك قىلغان.

ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، مەركەز خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ئېچىش چاقىرىقىنى چىقارغان. پەن خەننيەن مەركەزنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، پىلانلىق، مۇددەتكە ئايرىپ، تۈركۈمگە ئايرىپ شياڭگاڭدا تۇرۇپ قالغان لى جىشېن، شېن جۈنرۇ، خۇاڭ يەنپېي، ما يەنچۇ، گومورو قاتارلىق زور تۈركۈم دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلاردىكى زاتلار ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز دېموكراتىك زاتلارنى ئازاد رايونغا قوغداپ ئاپىرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى يېڭى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشتۇرغان.

1949- يىلى ئەتىيازدا، پەن خەننيەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بايلىق كومىتېتى قوزغىلىڭىنى تەشكىللەپ، قوزغاپ، زور تۈركۈم تېخنىك خادىملار، بايلىق ۋە ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى مۇكەممەل قوغداپ قالغان. يولداش ماۋ زېدۇڭ مۇنداق دەپ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتكەن: «ناھايىتى خۇشال بولدۇم. بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ مال - مۈلكىنى قوغداپ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوبۇل قىلىشىنى كۈتۈڭلار».

1949- يىلى، پەن خەننيەن جۇڭگو ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە مەركىزىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. ئۇ شياڭگاڭدا جۇڭگو ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ جىڭيى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئىجابىي باھا بېرىپ، ئۇلارغا ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ بېرىپ، قوزغىلاڭنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەم قوزغىلاڭنىڭ كونكرېت تەپسىلاتلىرىنى ئەتراپلىق پىلانلىغان. 1949- يىلى 11- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئىككى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ خادىملىرى شياڭگاڭدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان، ئارقىدىنلا 12 خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلانىنى بىخەتەر بېيپىڭ ۋە تيەنجىنگە ئۇچۇرۇپ بېرىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ خەلق ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پەن خەننيەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شەرقىي جۇڭگو بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم جەمئىيەت بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1977- يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.

پەن خەننيەن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى، يەرلىك پەن خەننيەننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىدا خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، پەن خەننيەننىڭ شېئىرلىرى، خەت - چەكلىرى قاتارلىق قول يازمىلىرىنى ئاساس قىلىپ، خەتتاتلىق ئىجادىيىتى ئۆتكۈزدى، ئەسەرلەر پەن خەننيەننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىغا تىزىلدى، خەتتاتلىق سەنئىتى شەكلى ئارقىلىق ئۇنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى ياد ئېتىپ، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھىغا ۋارىسلىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى