تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىدۇ

تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش ئىش بېجىرگەندە «قاتراتماسلىق»

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاماملىغان بولۇپ، پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك تورغا چىقىرىلىپ يۈرۈشتۈرۈلىدىكەن. ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك تورغا چىقىرىلىپ يۈرۈشتۈرۈلگەندىن كېيىن، كارخانا ۋە شەخسلەر ئالاقە تورى ئارقىلىق بىناكارلىققا چېتىشلىق مۇناسىۋەتلىك سالاھىيەت تۈرىنى مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىشنى تاماملىيالايدىكەن، «قاتراتماسلىق» ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى «قەغەزسىز مەلۇم قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، قاتراتماي بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش»نى نىشان قىلىپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇماتنى قوللىنىپ، ئەسلىدىكى مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىنىڭ پۈتۈن جەريانىدىكى ئىلتىماس قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنىڭ ھەممىسىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇشقا ئۆزگەرتىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى مەخسۇس «سالاھىيەتنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا خەۋەرلەندۈرۈش − ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، قۇرۇلۇش تۈرىدىكى كارخانىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇھىم ھۆججەتلىرىدە مۇشۇ تارماقنىڭ ئۇچۇرىدىن ھەمبەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى بىۋاسىتە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن ئېلىپ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن ئېلىشقا ئامال بولمىغان شەخسىي سالاھىيەت ئىسپاتى، ئۇنۋان ئىسپاتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىسپاتى، ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى ۋە كەسپىي نەتىجە ئىسپاتى قاتارلىقلاردا ئومۇميۈزلۈك ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىغا يازمىچە ۋەدە بېرىدۇ، تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى تارماق ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ۋەدىسىگە ئاساسەن بىۋاسىتە مەمۇرىي تەكشۈرۈپ، تەستىقلاش قارارى چىقىرىدۇ، كارخانا ۋە شەخسنىڭ يۈكى زور دەرىجىدە يېنىكلەيدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەسلىدىكى مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ ئىش بېجىرىش زالىدىكى ئەسلىدىكى ئالتە كۆزنەكتە ئالتە ئادەم ئىش بېجىرىش ھازىرقى پەقەت بىرلا مەسلىھەت سوراش كۆزنىكى تەسىس قىلىشقا ئىخچاملانغان، زالغا ئىش بېجىرىشكە كەلگەن ئامما ئەسلىدىكى ھەر كۈنى 300 نەچچە ئادەم قېتىمدىن ھازىرقى ھەر كۈنى پەقەت ئىككى - ئۈچ ئادەملا كېلىپ مەسلىھەت سوراشقا ئازىيىپ، خەلقنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەقسىتىگە ھەقىقىي يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى