تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى مۇخبىرنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 9- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 23تىن 9- ئاينىڭ 8- كۈنى سەھەرگىچە، بېيجىڭ تيەنئەنمېن رايونىدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگەن، تەخمىنەن 90 مىڭ كىشى مانېۋىرغا ھەم نەق مەيدان كاپالىتى خىزمىتىگە قاتناشقان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىر تەبرىكلەش يىغىنى مۇراسىمى، ھەربىي پارات، ئامما نامايىشى، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، مەيدان يۆتكىلىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر سائەت داۋاملىشىدىغان ھەربىي پارات مانېۋىرىدا نۇقتىلىق ھالدا ھەربىي پارات شەكلىدىكى، كۆرەك شەكلىدىكى مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن. ئامما نامايىشى مانېۋىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى يىغىلىش - تارقاقلىشىش، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە يۈرۈش قىلىش ھەمدە بىرلەشمە ھەربىي ئوركېستىر، خور ئۆمىكى بىلەن ماسلىشىش، ھەربىي پارات چاسا ئەترىتى، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنىڭ ئالدى - كەينىگە جىپسىلاشتۇرۇش بولغان. بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە باش تېما ئويۇنى ۋە مەركىزىي بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى مانېۋىر قىلىنغان بولۇپ، ئويۇن قويغۇچىلار مەيدان بىلەن پىششىق تونۇشقان، پوجاڭزا ئېتىش كونترول سىستېمىسى نەق مەيداندا سىناق قىلىنغان.

بۇ قېتىمقى مانېۋىردا تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ پۈتۈن تەرتىپى، يادرولۇق مۇھىم ئامىللارنىڭ ئىچكى قىسىمدا جىپسىلىشىشى نۇقتىلىق ماسلاشتۇرۇلۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەشكىللەش كاپالىتى ۋە قوماندانلىقىنىڭ يۈرۈشۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ كۆرۈلدى، مانېۋىرنىڭ ۋاقتى دەل، تەشكىللەش تەرتىپلىك بولۇپ، كۆزلىگەن نىشانغا يەتكەن. بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى كېچىلىك مانېۋىر پائالىيىتى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى، ئاممىنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۇلارغا ئالاھىدە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى