تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىخەنزە داشۆسى مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 8- كۈنى، شىخەنزە داشۆسى مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جىڭۋىيسى سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، بېيجىڭ داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى خاۋ پىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا، جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ شىخەنزە داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

سۈن جىنلۇڭ بىڭتۇەن پارتكومىغا ۋاكالىتەن شىخەنزە داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە شىخەنزە داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھەمدە بىڭتۇەندىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى. سۈن جىنلۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، شىخەنزە داشۆسى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلىدى، 180 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بۇ مەكتەپتە تەربىيەلىنىپ ئوقۇش پۈتكۈزدى، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بىڭتۇەندە، شىنجاڭدا قېلىپ، بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى - بۇرچىنى ئادا قىلىشىنى، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەقلىي مەدەت ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

سۈن جىنلۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، شىخەنزە داشۆسى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈشى كېرەك. مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چۆرىدەپ، بىڭتۇەننىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى - بۇرچىنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىنى كۆزلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېھتىياجلىق مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈشى، ئاڭلىق ھالدا چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىدىغان، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈشى كېرەك. مەۋقەنى شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەننىڭ بىپايان تۇپرىقىدا ئالىي مەكتەپ باشقۇرۇشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىختىساسلىقلارنى توپلايدىغان، جەلپ قىلىدىغان «سۇ ساقلاش كۆلچىكى» ۋە «ئۆتەڭ بېكىتى»نى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن داۋاملىق ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

خاۋ پىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: شىخەنزە داشۆسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بېيجىڭ داشۆسىگە يۈكلىگەن مۇھىم، زور بۇرچ ۋە شەرەپلىك مەسئۇلىيەت، بېيجىڭ داشۆسى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ شىخەنزە داشۆسىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى قوللايدۇ. شىخەنزە داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق قوللاپ، ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ياش ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدۇ. شىخەنزە داشۆسىنىڭ دىققەتنى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلىم ۋە سىياسەت تەتقىقات نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشىنى قوللايدۇ.

بىڭتۇەن پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ لى جىدۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

پائالىيەت مەزگىلىدە، سۈن جىنلۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى يەنە ساۋ ليەنپۇ، چېن شۆگېڭ، جاڭ رويۈ قاتارلىق شىخەنزە داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلدى، ھال سورىدى، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىدە قوشماقلاشقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى