تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[سەلتەنەتلىك 70 يىل · كۈرەشچان يېڭى دەۋر ___ سۈرەت] قاناس كەنتى: مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى ئائىلە زىيارىتى نۇقتىلىرىغا ھۆسن قوشتى

  قاناس مەنزىرە رايونى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسى قاناس كەنتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى (8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

  8-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇلازىم بالجان (ئوڭدا) ياتاقنى رەتلىمەكتە.

  8-ئاينىڭ 21-كۈنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىش سارىيىدىكى خىزمەتچىلەر ساياھەتچىلەرگە سارايدىكى يىغىپ ساقلانغان بۇيۇملارنى تونۇشتۇرماقتا.

  8-ئاينىڭ 20-كۈنى، خاندېگا مۇزىكا ئەترىتى ساياھەتچىلەرگە موڭغۇلچە ناخشا ئېيتىپ بەرمەكتە.

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې لۇڭ فوتوسى، خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، قاناس مەنزىرە رايونى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسى قاناس كەنتى زالات دېھقان-چارۋىچىلار ساياھەت كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھويلىسىدا، مۇلازىم باتېر ھەر قايسى جايلاردىن «ئائىلە زىيارىتى»نى ھېس قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرگە موڭغۇلچە ئۇسسۇل ئۆگەتتى، ئۇنىڭ قىزىق گەپلىرى كۆپچىلىكنى قاقاقلاپ كۈلدۈرەتتى.

  بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى مۇشۇ كەنتتە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەنت ئاھالىسى ئېركېباتۇ ئىدى. 2000-يىلىدىن باشلاپ، ئېركېباتۇ سىناق تەرىقىسىدە پۇقراۋى قونالغۇ ئاچقان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ يەرلىكتىكى پۇقراۋى قونالغۇ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قالدى.

  «مېھمانلارغا پاكىز، رەتلىك ياتاق مۇھىتى ھازىرلاش ئاسان، ئەمما ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قانداق قىلىپ موڭغۇل تۇۋالارنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيىتى جەھەتتە تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش مېنىڭ دائىم باش قاتۇرىدىغان ئىشىم» دېدى ئېركېباتۇ.

  قاناسنىڭ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغىنى پەقەت مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە يەرلىكتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ھەر بىر پۇقراۋى قونالغۇ ھويلىسىدا چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان «ئائىلە زىيارىتى» ئۆيى بولۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى يىگىتلەر ساياھەتچىلەرگە موڭغۇل مىللىتىنىڭ قىمىز، قۇرۇت قاتارلىق ئەنئەنىۋى خاس يېمەكلىكلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ؛ ھەمكارلىق كوپراتىپىدىكى خاندېگا مۇزىكا ئەترىتى يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا موڭغۇلچە ناخشىلارنى سۇنىدۇ ھەمدە ساياھەتچىلەرنىمۇ ھەممىگە تونۇشلۇق كىلاسسىك ناخشىلارنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېيتىشقا يېتەكلەيدۇ، ساياھەتچىلەرگە ئاددىي، ئاسان ئۆگەنگىلى بولىدىغان موڭغۇلچە ئۇسسۇللارنى ئۆگىتىدۇ.

  «مەن ئۆمەك باشلاپ قاناسقا كەلسەم، چوقۇم باتېرنىڭ يېنىغا كېلىمەن، ئۇلارنىڭ خاندېگا مۇزىكا ئەترىتى ئېيتقان موڭغۇلچە ناخشىلار بەك يېقىملىق، ساياھەتچىلەرنىڭ خۇمەي ئويۇنىنى كۆرۈش شۇنىڭدەك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان سۇرنى ئاڭلاش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز» دېدى ساياھەت يېتەكچىسى لى تىڭ.

  «گۈزەل شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپلا قالماي، يەرلىكتىكى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاشلا بىزنى جەلپ قىلدى. باياتىن مەن <ئائىلە زىيارىتى>دە بىر قانچە موڭغۇلچە ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى ئۆگىنىۋالدىم، ئۆيگە قايىتقاندىن كېيىن ئۆيدىكىلەرگە ئويناپ بېرىمەن» دېدى بېيجىڭدىن كەلگەن ساياھەتچى جېڭ ۋېنبو ھاياجانلانغان ھالدا.

  «بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بىزنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز يەنە بىر مىللىي ئۆرپ - ئادەت مۇزېيى سېلىپ، بىز موڭغۇل تۇۋالارنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىنى نامايان قىلىمىز» دېدى ئېركېباتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى