شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇئالا لۇمپۇر، 9- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لىن خاۋ، جۇ ۋېي خەۋىرى): 8-نۆۋەتلىك سۇغا سەكرەش ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى 9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە مالايسىيانىڭ كۇئالا لۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ماھىرلىرى جەمئىي ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
بۇ قېتىملىق سۇغا سەكرەش ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى يەنە توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سۇغا سەكرەش تۈرىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگو كوماندىسى ئەر ماھىرلاردىن دۇەن يۈ، ۋاڭ زېۋېي ھەمدە ئايال ماھىردىن جاڭ مىنجيېدىن ئىبارەت ئۈچ ماھىرنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى.
جۇڭگولۇق ئۈچ ماھىرنىڭ قوش كىشىلىك مۇسابىقە تۈرىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولدى. بۇنىڭدا، دۇەن يۈ/ۋاڭ زېۋېي 402.81 نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن ئەرلەر ئون مېتىرلىق سۇپىدىن سۇغا سەكرەش بويىچە قوش كىشىلىك تۈرىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى؛ دۇەن يۈ بىلەن جاڭ مىنجېي ھەمكارلىشىپ 317.94 نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن ئارىلاش قوش كىشىلىك ئون مېتىرلىق سۇپىدىن سۇغا سەكرەش تۈرىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. ۋاڭ زېۋېي، جاڭ مىنجيې 400.95 نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولدى ھەمدە ھەر بىر يەككە تۈردىكى مۇسابىقە نومۇرىنىڭ ھەممىسى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلدى.
يەككە كىشىلىك مۇسابىقە تۈرىدە، جۇڭگو ماھىرلىرى ئىككى كۈمۈش مېدالنى قولغا كەلتۈردى. 9- ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللار ئون مېتىرلىق سۇپىدىن سۇغا سەكرەش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جاڭ مىنجيې 346.75 نومۇرغا ئېرىشتى ھەمدە 18.75 نومۇر پەرق بىلەن چاۋشيەنلىك ماھىر جىن مېيلىغا يېڭىلىپ قېلىپ، ئىككىنچى بولۇپ قالدى. 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئەرلەر ئون مېتىرلىق سۇپىدىن سۇغا سەكرەش مۇسابىقىسىدە، ۋاڭ زېۋېي ئوخشاشلا ئىككىنچى بولدى، سېنگاپورلۇق ماھىر زېڭ فەنكېڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.