تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەتلىك پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، نيەنلېي فوتوسى، خەۋىرى) 9- ئاينىڭ 4- كۈنى، دۆلەت مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەتلىك پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باغراش ناھىيەسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10-شىسى 185-تۇەنى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى، ئاشكارىلاش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەتلىك پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا تاللىنىدۇ.

باغراش ناھىيەسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

باغراش ناھىيەسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى   

   موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى تەۋەسىدە 100 مىڭ تۇياق ئارغىماق، مىليون مو قىچا، 10 مىليون مو ئېكولوگىيەلىك تاغ، چىملىق، يايلاق بار، دۆلەتلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنىدىن تۆتى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە پۈتۈن رايون ساياھىتى قاتناش تىرىكى سىستېمىسى بەرپا قىلدى، 2019- يىلى موڭغۇلكۈرە ئايرودۇرۇمى، G577 لىنىيەسى، G219 لىنىيەسىدە پات ئارىدا قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ. بۇ ناھىيەنىڭ ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، 2016ـ يىلىدىن بۇيان، ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 15نى بەرپا قىلدى، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش نۇقتىسىدىن 120 دىن ئارتۇقنى  يۆلىدى، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق 40 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق 2600 ئائىلىدىكى 7800دىن ئارتۇق ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى.

   تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن يەنە بىر جاي باغراش ناھىيەسى، بۇ يەردە جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى باغراش كۆلى بار، بۇ جايدا قىشتا قاتتىق سوغۇق، يازدا تومۇز ئىسسىق بولمايدۇ، قۇياش نۇرى رادىياتسىيەسى تۆۋەن، كەڭلىكى ۋە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى مۇۋاپىق. ساياھەتچىلىك باغراش ناھىيەسىنىڭ خەلقنى بېيىتىپ، ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپى، شۇنداقلا يېشىل تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان باشلامچى كەسىپ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى جەمئىي 1 مىليون 67 مىڭ 500 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 116 مىليون 10 مىڭ 300 يۈەن بىۋاسىتە كىرىم قىلغان.

  جۇڭگو-قازاقىستان چېگراسىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10-شىسى 185-تۇەنىمۇ تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەتلىك پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، بۇ تۇەندە بەيشاخۇ مەنزىرە رايونى، «غەربىي شىمال چېگرا 1-ليەنى»، غەربىي شىمال خەلق ئەسكەرلىرى بىرىنچى ئەر-خوتۇن قاراۋۇلخانىسى قاتارلىق قىزىل تارىخىي ئادىمىيەت مەنزىرىسى ۋە يەنجىڭ تېغى، مىڭشا تېغى، ئاق قېيىن ئورمىنى قاتارلىق غەربىي شىمالنىڭ ئۆزگىچە رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تەبىئىي مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى