تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق

     يېقىندا، جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى قاتارلىقلار ئۇيۇشتۇرغان 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى يىغىنى ھەم تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو تۇز ئىستېمال قىلىشنى ئازايتىش يىغىنىدا، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭخۇا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىنا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لۇڭدې مۇنداق دېدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش ئارقىلىق، %80 يۈرەك قان تومۇر كېسىلى ۋە 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى، %55 يۇقىرى قان بېسىمى ۋە %40 ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

  ۋاڭ لۇڭدې مۇنداق دەپ  كۆرسەتتى: ئېلىمىزدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن، 2012-يىلى دۆلىتىمىزدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئومۇمىي ئۆلگەنلەر سانىنىڭ %86.6ىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق ئۆلۈش سەۋەبى يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسىلى بولۇپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ %51ى ۋە ئومۇمىي ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ %44.4ىنى ئىگىلەيدۇ، 2000-يىلى بۇ سان تېخى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %41.4 ۋە %34 ئىدى. تاماكا چېكىش، بەدەن ھەرىكىتى يېتەرسىز بولۇش، تۇزلۇق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل، بۇنى جىددىي كونترول قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ لۇڭدې مۇنداق دېدى: تۇزلۇق يېمەكلىكلەر ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۈۋاتقان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى، ئېلىمىز ئاھالىلىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 10.5 گىرام تۇز ئىستېمال قىلىۋاتىدۇ، بۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە «ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتى» كۆرسىتىپ بەرگەن كۈنىگە بەش گىرام تۇز ئىستېمال قىلىش ئۆلچىمىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ.

  ۋاڭ لۇڭدې مۇنۇلارنى تەشەببۇس قىلدى: قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەر كۈنىگە بەش گىرامدىن ئارتۇق تۇز ئىستېمال قىلماسلىق؛ ئۆيدە تاماق ئەتكەندە تۇز ۋە جياڭيۇنى ئاز سېلىش، ئۆلچەملىك تۇز قوشۇقى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىش؛ تۇز مىقدارىنى ئازايتىش ئۈچۈن، لازا، سامساق، قارىمۇچ قاتارلىقلار بىلەن تەم تەڭشەش؛ چىلىغان، تۇزلانغان كۆكتات ۋە قىياملىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش؛ ئورالما يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا «ناترىي» تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى تاللاش؛ دورا-دەرمەكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش؛ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر ۋە كونسېرۋالىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش؛ تۇز سىز ھېس قىلىپ بولالمايدىغان تۇزلۇق يېمەكلىكلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن، «يوشۇرۇنغان» تۇزدىن ھوشيار بولۇش؛ سىرتتا تاماق يېگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇزنى ئاز سېلىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى