شىنخۇا تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 9- ئاينىڭ 6- كۈنى شاڭخەي شەھەرلىك كۆكەرتىش ۋە شەھەر قىياپىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شاڭخەي شەھىرىدىكى يىغىۋېلىشقا بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ كۈندىلىك يىغىۋېلىنىش مىقدارى كۈنىگە 4500 توننىغا يېتىپ، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن بەش ھەسسە ئاشقان؛ ھۆل ئەخلەتلەرنىڭ تەقسىملىنىش مىقدارى كۈنىگە 9200 توننىغا يېتىپ، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %130 ئاشقان؛ قۇرۇق ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مىقدارى كۈنىگە 15 مىڭ 500 توننىدىن تۆۋەن چەكتە كونترول قىلىنىپ، 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %26 ئازايغان؛ بۇ 7-ئاينىڭ 1- كۈنى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش نىزامى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇمات.
ھازىر، شاڭخەي شەھىرى تەخمىنەن 20 مىڭ تۈرگە ئايرىپ تارقىتىش نۇقتىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆزگەتكەن، 40 مىڭدىن ئارتۇق يولدىكى كېرەكسىز بۇيۇملار ساندۇقى بەلگىسىنى پۈتۈنلەي يېڭىلىغان. شەھەر بويىچە 1092 ھۆل ئەخلەت ئاپتوموبىلى، 3197 قۇرۇق ئەخلەت ئاپتوموبىلى، 80 زىيانلىق ئەخلەت ئاپتوموبىلى ۋە 154 يىغىۋېلىشقا بولىدىغان نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش ئاپتوموبىلى سەپلەنگەن، يىغىۋېلىشقا بولىدىغان نەرسىلەرنى يىغىۋېلىش مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 9609ى، ئۆتەڭ بېكەتتىن 144ى، يىغىش-تارقىتىش مەيدانىدىن سەككىزى قۇرۇلغان.