تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

«جىنخې ناملىق» ساياھەت مەخسۇس پويىزى خوتەنگە يېتىپ كەلدى

9- ئاينىڭ 7- كۈنى، يېڭى قاشتېشى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى خوتەن كىنو-تىياتىرخانىسىدا بېيجىڭلىق ساياھەتچىلەرگە ئېسىل ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى.  

خەلق تورى، خوتەن، 9- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى(شۈجۇجۇ): 9- ئاينىڭ 6- كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت ئىدارىسى ئاچقان بۇ يىلقى تۆتىنچى قېتىملىق «جىڭخې ناملىق» ساياھەت مەخسۇس پويىزى بېيجىڭ غەربىي پويىز ئىستانىسىسىدىن يولغا چىقىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا شىنجاڭ خوتەنگە يېتىپ كەلدى.

بېيجىڭدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر خوتەن ۋىلايىتىدە كوئىنلۇن تېغى چوڭ جىلغىسى، ئەنجۈر شاھى، ئەتلەس يېپەك قول-ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ تاماشا قىلدى، شۇنداقلا خوتەن كىنو-تىياتىرخانىسىدا نادىر ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆردى، خوتەن كەچلىك بازىرىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يەرلىك نازۇنېمەتلەرگە ئېغىز تەگدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بېيجىڭ شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ چۈەنۋۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جىڭخې ناملىق» ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ قاتنىشى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت مۇلازىمىتى ۋە كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بېيجىڭ شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە شۇ جايدىكى ساياھەت مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، ياتاق، يېمەك-ئىچمەك، مەنزىرە نۇقتىسى، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە، تۈزىتىش، ياخشىلاش ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، «جىڭخې ناملىق» ساياھەت مەخسۇس پويىزى سەپىرىنى يېپەك يولى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش سەپىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش سەپىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش سەپىرى قىلىپ بەرپا قىلىدۇ.

ئىگلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى «جىڭخې ناملىق» ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىكى ساياھەتچىلەر قەشقەر كونا شەھىرى، قارا كۆل، لوپنۇرلۇقلار كەنتى، باغراش كۆلى، موگاۋ غارى، رەڭدار دەنشيا قاتارلىق داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىكەن.

9- ئاينىڭ 7- كۈنى، نەق مەيداندىكى ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى.

9- ئاينىڭ 7- كۈنى، نەق مەيداندا ئېلىپ بېرىلغان ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى.

9- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئارتىسلار كوللېكتىپ خور «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم»نى ئورۇندىماقتا.

9- ئاينىڭ 7- كۈنى، ساياھەتچىلەر كوئىنلۇن تېغى چوڭ جىلغىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.

9- ئاينىڭ 6- كۈنى، ساياھەتچىلەر كوئىنلۇن چوڭ جىلغىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.

9- ئاينىڭ 6- كۈنى، كوئىنلۇن تېغى چوڭ جىلغىسى.

9- ئاينىڭ 8- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئەتلەس يېپەك قول-ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.

9- ئاينىڭ 8- كۈنى، ساياھەتچىلەر جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە كىرگەنلىك خاتىرە ئابىدىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى