تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدىكى ئىككى يول پۈتۈپ قاتناش باشلاندى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ جيەنخۇا خەۋىرى) بۇ ئىككى كۈندە، ئۈرۈمچى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى جيەنگوۋ شەرقىي يولى (مىچۈەن جەنۇبىي يولى-مىچۈەن-دۇڭسەن چوڭ يولى)، مىنكاڭ يولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەر قىلىشى تېخىمۇ قولايلاشتى.

  9-ئاينىڭ 2-كۈنى، يېڭىدىن ياسالغان جيەنگۇۋ شەرقىي يولى، مىنكاڭ يولىدا قاتناش باشلاندى. 16 مېتىر كەڭلىكتىكى موتورلۇق ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئىككى تەرىپى 4.5 مېتىر كەڭلىكتىكى موتورسىز قاتناش ۋاستىلىرى يولى ۋە 4 مېتىر كەڭلىكتىكى پىيادىلەر يولى بولۇپ، پىيادىلەر يولىدىكى گۈللۈك خىش يېيىتىلىپ، ئاساسىي ۋە قوشۇمچە كۆكەرتىش بەلبېغى پۈتتى، ئىككى تەرەپكە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2 گۇرۇپپا ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتى تەسىس قىلىنىپ، ھەر 35 مېتىر ئارىلىققا بىر يول چىرىغى ئورنىتىلدى.

  جيەنگوۋ شەرقىي يولىنىڭ شەرق تەرىپى مىچۈەن-دۇڭسەن چوڭ يولىغا، غەربىي تەرىپى مىچۈەن جەنۇبىي يولىغا تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى مىنكاڭ يولى بىلەن تۇتىشىدۇ، يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 790 مېتىر. مىنكاڭ يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3000 مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، جيەنگوۋ يولى، گۇمۇدى يولى، لەنشېڭ كوچىسى، فۇچيەن يولى قاتارلىق يول بۆلەكلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ.

  بۇ يىل ئۈرۈمچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ ئەمەلىي ئىشنى داۋاملىق يولغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە «راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» پۈتۈن شەھەردىكى T شەكىللىك يول، ئۈزۈك يول، غەيرىي يول ئېغىزلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتتى. مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى داۋامىدا يول تورى ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەھەر رايونى يول تورىنىڭ راۋانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

  جيەنگوۋ شەرقىي يولى (مىچۈەن جەنۇبىي يولى- مىچۈەن-دۇڭسەن چوڭ يولى)، مىنكاڭ يولى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى ئىككى مۇھىم شەھەر مەمۇرىيىتى يانداش يولى، بۇ ئىككى يول ئەتراپىدا ئۈچ مەكتەپ ۋە ئون نەچچە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، ئون نەچچە مىڭ ئاھالە بار، ئادەم ئېقىم مىقدارى بىر قەدەر مەركەزلەشكەن رايون.

  مىچۈەن-دۇڭسەن رايونلۇق قۇرۇلۇش ئىدارىسى قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى گۇڭ چياڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يول پۈتۈپ قاتناش باشلىنىپ، مىچۈەن جەنۇبىي يولىنىڭ قاتناش بېسىمى ئۈنۈملۈك پەسەيتىلىپ، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى شەرقىي شەھەر رايونىدىكى يوللارنىڭ توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى ئۆزگەرتىلىپ، شەرقىي شەھەر رايونى ئايلانما شەكىللىك قاتناش تورىنى شەكىللەندۈردى. بۇ ئىككى يول مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدا نۇقتىلىق بەرپا قىلىنغان زامانىۋى شەھەر مەمۇرىيىتى يولى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىۋېتىش، ئېلېكتىر تورى، تۇرۇبا تورى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى يەرگە ياتقۇزۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئۈلگىلىك شەھەر رايونى يولى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى