تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ھاۋادىن تارقالغان تاتلىق مېۋە پۇرىقى

دېھقانلارنىڭ كىچىك مېۋىلىك بېغىدىكى «بەخىت شاپتۇلى»

«15 مو مېۋىلىك بېغىم بار، ھازىر ھەر كۈنى 400 كىلوگرام ئەتراپىدا شاپتۇل ئۈزۈۋالىمەن، ھەر كىلوگرامىنى توپ تارقىتىش باھاسى 4 يۈەن بويىچە ھېسابلىغاندا، كۈندىلىك كىرىمىم 1600 يۈەن بولىدۇ، شاپتۇل بىز دېھقانلارنىڭ بېيىشىدىكى <ئالتۇن مېۋە> بولۇپ قالدى» دېدى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى خېجىڭ ناھىيەسى خېجىڭ بازىرى ئالتۇنبۇلاق كەنتىنىڭ ئاھالىسى جاڭ چۇڭيەن خۇشال ھالدا.

جاڭ چۇڭيەن خۇشال ھالدا مېۋىلىك بېغىدا پىشقان توقاچ شاپتۇللارنى كۆرسەتمەكتە.

جاڭ چۇڭيەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەزەلدىن كۆممىقۇناق، بۇغداي تېرىشنى ئاساس قىلاتتى، يەنە قىزىلچا، لازىمۇ تېرىپ باققان، ئەمما كىرىمى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى. 2015-يىلى ئەتىيازدا، خېجىڭ ناھىيەلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى جاڭ چۇڭيەنگە مېۋە دەرىخى تىكىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش تەكلىپى بەردى ھەمدە بازارلىق ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ تېخنىك خادىمىنى ئۇنىڭغا تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلەشكە ماسلاشتۇردى. خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى»نىڭ ياردىمىدە، جاڭ چۇڭيەن 15 مو يەرگە مېۋىلىك دەرەخ تىكتى، بۇنىڭ ئىچىدە شاپتۇل دەرىخى كۆپ. ھازىر 15 مو يەردىكى مېۋىلىك باغ تەخمىنەن 30 توننا ئەتراپىدا سۈپەتلىك مېۋە ھوسۇل بەردى. بۇنىڭدىن مېۋىلىك كۆچەت، ئادەم كۈچى خىراجىتى قاتارلىقلارنى چىقىرىۋەتكەندە، ئۇ ھەر يىلى شاپتۇلدىنلا 120 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ساپ كىرىم قىلدى. ئۇ ھازىر كەنتتىكى مېۋە دەرىخى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى بولدى.

ھازىر، ئالتۇنبۇلاق كەنتىدە شاپتۇل ئۆستۈرۈش كۆلىمى 190 مو ئەتراپىدا. شاپتۇل سۈپىتى، سېتىلىش يولى قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ شاپتۇل سورتىنى ياخشىلىدى، دېھقانلارغا ياردەملىشىپ ئۈزۈشۈپ بەردى، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ھەمبەھىرلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سېتىپ چىقىرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۈي شىنكەي مۇنداق دېدى: «كەنتىمىزدىكى شاپتۇللارنىڭ دانىسى چوڭ، تەمى تاتلىق. شاپتۇل چېچەكلىگەندە، ساياھەتچىلەرنى چېچەك سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ؛ شاپتۇل پىشقاندىن كېيىن، ساياھەتچىلەرنى شاپتۇل ئۈزۈپ شاپتۇللۇقنى ئايلىنىشقا جەلپ قىلىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، بىز دېھقانلارنى مېۋىلىك باغقا تايىنىپ دېھقانلار ئارامگاھى، ئىكولوگىيەلىك ئۈزۈش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش بىر گەۋدىلەشكەن يېڭى تەرەققىيات يولىغا يېتەكلەيمىز. بىز ئىشىنىمىزكى، پەقەت نىشاننى بېكىتىپ، جاپالىق ئەمگەك قىلغاندىلا، كەنت ئاھالىلىرىنى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلىگىلى بولىدۇ».

(خېجىڭ ناھىيەلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن تاڭ يۈ، ۋېي ليەنشياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى