تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى شەھىرى 90 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى

     تىيانشان تورى خەۋىرى ( مۇخبىر جياڭ مىڭيىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ما يۆ خەۋىرى): «ئوقۇشقا تىزىمغا ئالدۇرغان بىرىنچى كۈنىلا بالامنىڭ سالامەتلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى، بالىمىزنىڭ، شۇنداقلا سىنىپتىكى باشقا ساۋاقداشلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاتا - ئانىلار شۇنداق خاتىرجەم بولدۇق.» دېدى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى سانجى شەھىرى سەنگۇڭ بازىرى چاڭشېڭ كەنتىدىكى ما چياڭ قىزى ما زىخەننىڭ سەنگۇڭ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپتە مەكتەپكە كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىۋاتقاندا خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكلىشىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش بويىچە قىزىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن. ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغانلىقىدىن ئۇ ئىنتايىن مىننەتدار بولغانىدى.

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئۇدا ئۈچ يىل قاتناشقان سەنگۇڭ بازارلىق شىپاخانا ئاممىۋى سەھىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەنچۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشقان تېببىي خادىملارنىڭ ھەممىسى بىر تۇتاش تەربىيەلەندى، بىرتۇتاش تەكشۈرۈش ئۆلچىمىدىن ئۆتتى، سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا ئىككىلىك كود سانلىق مەلۇمات يوللاش سىستېمىسى قوللىنىلىپ، ئۇچۇر كىرگۈزۈپ تىزىملاش بىر قېتىمدىلا تاماملىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش خىزمىتى بۇرۇنقى يىللاردىكىدىن يېرىم ئاي بۇرۇن تاماملاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل سانجى شەھىرىدە قانات يايدۇرۇلغان سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى ئۆز تەۋەلىكىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ قاتارلىق 46 مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 90 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. سالامەتلىك 11 تۈر بويىچە تەكشۈرۈلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى