تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ۋىلايىتى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىلىرىنى بايان قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى تيېلىن خەۋىرى): 9- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۈستىگە ئالغان ۋىلايەتلىك «دەۋر يېڭى كىشىلىرىنىڭ ئېيتقانلىرى ـــ مەن ۋەتەن بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلدىم ‹نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش›» تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)، ساھە - سىستېمىلاردىن كەلگەن 12 ماھىر تەييارلىق مۇسابىقىدە تاللىنىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈش، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلماسلىقتەك روھىي ھالىتى ۋە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشتەك قىياپىتىنى نامايان قىلىش مەقسەت قىلىندى.

  مۇسابىقە نەق مەيدانىدا ماھىرلار ئۆزىنىڭ ياكى ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ھېكايىسى ۋە كەچۈرمىشلىرىنى تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بىرىنچى سېپىگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشتەك جانلىق ئىش - ئىزلىرىنى نامايان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ شەخسىيەتسىز مۇھەببىتى، پۈتۈن مېھرى بىلەن نامراتلارنى يۆلەپ، نامرات رايونلار، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە مەدەت بەرگەنلىكتەك ياخشى ئىشلىرىنى كۆپ قاتلاملىق بايان قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشتەك دەۋر روھىنى مەدھىيەلەپ، ۋىلايەتتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇساپىسىدىكى ياخشى روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ياركۆۋرۈك يېزىسى سىدەي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى خې جاڭيى مۇنداق دېدى: «ماھىرلارنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلاپ، نۇرغۇن بىلىمگە ئېرىشتىم، قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆگەنگەن تەجرىبىلەرنى ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا قوللىنىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمەت سەۋىيەرىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن.»

  شۇ كۈنى، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە باھالىغۇچىلار 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن بىرنى، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن ئىككىنى، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن ئۈچنى، مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن ئالتىنى، مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەردىن ئالتىنى باھالاپ چىقتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش