تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە زاپاس گۆش بازارغا سېلىنغان تۇنجى كۈنى شەھەر ئاھالىلىرى ئۆچرەتتە تۇرۇپ سېتىۋالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى) «ئالتە كىلوگرامدىن ئارتۇق يېڭى كالا گۆشى 363 يۈەنگە كەلدى» دېدى 9- ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 9 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، زاپاس گۆش سېتىش نۇقتىسىدىن گۆش سېتىۋېلىپ قايتىپ چىققان شەھەر ئاھالىسى ۋېي شياۋشيا خۇشال ھالدا ھەمراھىغا.

  9- ئاينىڭ 8- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە زاپاس گۆش بازارغا سېلىندى، خۇڭسەن يولىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋېي شياۋشيا ئەتىگەندىلا ياشلار يولى جەنۇبىي مەھەللىسىدىكى زاپاس گۆش سېتىش نۇقتىسىغا يېتىپ كېلىپ ئۆچرەتتە تۇردى. شۇ كۈنى بۇ يەردە زاپاس گۆش تۈرلىرىدىن يېڭى كالا گۆشى بىلەن يېڭى قوي گۆشى بار ئىدى. يېڭى كالا گۆشىنىڭ بىر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 56 يۈەن، يېڭى قوي گۆشىنىڭ بىر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 48 يۈەن ئىدى.

  شىنجاڭ تىيانشان خۇاڭنيۇ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ شيەنگۇاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياشلار يولى جەنۇبىي مەھەللىسىدىكى كالا، قوي گۆشى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى شۇ كۈنى 1.5 توننا كالا، قوي گۆشى تەييارلىدى، ئەتىگەن سائەت 9 دا تىجارەت باشلىغاندا، ئىشىك ئالدىدا يۈزگە يېقىن ئادەم ئۆچرەت تۇرۇپ بوپتۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شياۋ جيەنلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زاپاس گۆشنى بازارغا سېلىش سېتىش نۇقتىسى كۆپ، دائىرىسى كەڭ، ۋاقتى ئۇزۇن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، پۈتۈن شەھەردە زاپاس گۆش سېتىش نۇقتىسىدىن 98 ى تەسىس قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە چوشقا گۆشىنىڭ سېتىلىش ۋاقتى 2019- يىل 9- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە بولۇپ، پۈتۈن شەھەردە 37 تيەنكاڭ مېيچۇ مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدا، مەھەللە كۆكتات قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاستە سېتىش نۇقتىسىدا سېتىلىدۇ، ھەر كۈنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ تىجارەت ۋاقتىغا قارىتا، شۇ كۈنى پىلانلانغان گۆش سېتىلىپ بولغىچە سېتىلىدۇ؛ كالا، قوي، توخۇ گۆشىنىڭ سېتىلىش ۋاقتى 2019- يىل 9- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردە كالا، قوي گۆشى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسىدىن 61 ى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مەھەللە كۆكتات قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى، پاكلان مەخسۇس دۇكىنىدا ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دىن باشلاپ سېتىش باشلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە كالا، قوي، توخۇ گۆشى يەنە بەش كۈن سېتىلىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى