راۋفېڭ بازىرى شىنخۇا كەنتىدىكى پېلە باققۇچى چيۇ خۇڭجۈن (ئوڭدا) ئۆزىنىڭ ئۈجمە دەرىخى باغچىسىدا ئۈجمە يوپۇرمىقى ئۈزمەكتە (9-ئاينىڭ 6-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىچۈەن ناھىيەسى راۋفېڭ بازىرى چىنلىڭ تاغلىق رايونىغا جايلاشقان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بازاردىكى سەككىز كەنتتە ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇتۇلغان تاماكا، سېرىق گۈل، ياڭاق ۋە مېۋە-چېۋە، شەنجا قاتارلىق 15 كەسىپ باغچىسىنى قۇرۇپ، كەنت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئائىلىلەر ئۆزگىچە بېيىش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى. (دۇۋ خۇڭگاڭ فوتوسى)
راۋفېڭ بازىرى چىشىن كەنتى يۇڭگېن قوش بەلباغلىق تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى خۇا يۇڭگېن (سولدا) بازار كادىرى بىلەن ئايرىپ چىقىلغان تاماكىنى تەكشۈرمەكتە (9-ئاينىڭ 5-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).
بىر كەنت ئاھالىسى راۋفېڭ بازىرى سەنچاخې كەنتىدىكى پويرارىيە يىلتىزى تېرىش ئېكىنزارلىقىدا ئەمگەك قىلماقتا (9-ئاينىڭ 6-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).
راۋفېڭ بازىرى سەنچاخې كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ شيەنيۇڭ (ئوڭدا) بىلەن كەنتى ئاھالىسى شەنجا باغچىسىدا مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ مېۋە بېرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە (9-ئاينىڭ 6-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).