قەھۋە ئىچىشىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم قەھۋەگە «خۇمار» بولۇپ قالىدۇ، نەچچە كۈن ئىچمىسە بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. لېكىن ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، ھامىلىدار ئاياللار ھەرقانچە قەھۋە ئىچكىسى كەلسىمۇ بەرداشلىق بېرىشى كېرەك ئىكەن، چۈنكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قەھۋە ئىچىش ھامىلىنىڭ جىگىرىنىڭ يېتىلىشىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن ھەمدە بالىنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن .
ۋۇخەن داشۆسى تەتقىقات كوللېكتىپى بوغاز تەجرىبە چاشقىنىغا كوففېئىن قوبۇل قىلغۇزۇپ تەجرىبە ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە بايقىلىشىچە، بالىياتقۇدىكى كوففېئىن قوبۇل قىلغان بالا چاشقاننىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بەدەن ئېغىرلىقى بىر قەدەر يېنىك بولغان، ئىنسۇلىن ئۆسۈش فاكتورىنىڭ سەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان، ئەمما بېسىم ھورمونى پوستلاق ماددىسى سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كوففېئىن قوبۇل قىلغان تەجرىبە چاشقىنىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە سېزىمچان ھورمون سەۋىيەسىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، جىگىرىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرىغان. ھامىلىدار ئاياللار بالىسى تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى كوففېئىن قوبۇل قىلسا بالىنىڭ جىگىرىگە بولغان زىيىنى ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدىكەن ھەمدە جىگەرنى ئىسپىرتسىز ماي قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
تەتقىقاتچى ۋېن يىنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ تەتقىقات كىشىلەرنىڭ كوففېئىن كەلتۈرۈپ چىقارغان بەدەندىكى ھورموننىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. گەرچە بۇ بايقاش ئىنسانلارنىڭ بەدىنىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاياللارنىڭ ھامىلىدار مەزگىلىدە كوففېئىن قوبۇل قىلىشتىن ساقلىنىش تەكلىپىنى بېرىمەن. تەتقىقات دوكلاتى «ئىچكى ئاجراتما ئىلىمى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى