تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ يىچاڭ فوتوسى، خەۋىرى) 9- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) «مېنىڭ نەزەرىمدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)» فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى، 56 پارچە (گۇرۇپپا) فوتو سۈرەت ئەسىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى ھەمدە كۆرگەزمە قىلىندى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ھەرقايسى جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئۈرۈمچى شەھەرلىك فوتوگرافلار جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئۆتكۈزگەنىدى.
7- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 6- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. مۇسابىقىگە كەڭ فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى بەس ـ بەستە ئەسەرلىرىنى يوللىدى، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر سانى 5000 پارچە (گۇرۇپپا)غا يېقىنلاشتى. بۇ ئەسەرلەر ئىچىدە، شەھەر قۇرۇلۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەر كۆپ ساننى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى چۇاڭشىن مەيدانى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ئىختىساسلىقلار سارىيى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى، گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىدا ئۆزگەرتىلگەن ۋېنجوۋ كوچىسى قاتارلىق جاي بەلگىسى خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار سۈرەتكە تارتىلىدىغان ئاۋات جاي بولۇپ قالدى. دەسلەپكى باھالاش، ئىككىنچى قېتىملىق باھالاش ئارقىلىق، 840 پارچىدىن ئارتۇق رەسىم ئەڭ ئاخىرقى باھالاش باسقۇچىقا كىرگەنىدى.