تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

[سەلتەنەتلىك 70 يىل · كۈرەشچان يېڭى دەۋر —— سۈرەت] خوراتاغ كەنتى: خاس پۇقراۋى قونالغۇ ساياھىتى كىچىك تاغلىق كەنتنى بېيتتى

8- ئاينىڭ 17- كۈنى، ساياھەتچىلەر خوراتاغ كەنتىدىكى ئۆستەڭدە ئېقىن ساياھىتى قىلماقتا.

خوراتاغ كەنتىنىڭ كەنت قىياپىتى (8- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان)

8- ئاينىڭ 17- كۈنى، مۇلازىم جۈمەخان رەمىتۇللا پۇقراۋى قونالغۇنىڭ مېھمانخانىسىدا ئورۇن راسلىماقتا.

8- ئاينىڭ 16- كۈنى، ساياھەتچىلەر كونا قەلئە ئارامگاھىدا غىزالىنىشقا تەييارلانماقتا.

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ  فوتوسى، خەۋىرى): «بۇ جاينىڭ ھاۋاسى ساپ، مەنزىرىسى گۈزەل، بۇ مېنىڭ ئۈچىنچى قېتىم بۇ جايغا كېلىشىم...» 8- ئاينىڭ 18- كۈنى، كورلا شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى ما لەنمېي يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىگشىن بازىرى خوراتاغ كەنتىدىكى كونا قەلئە ئارامگاھىدا بىر تەرەپتىن نازۇنېمەتلەرگە ئېغىز تەگكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئارامگاھنىڭ تىجارەتچىسى قۇربان مەخەمگە شۇنداق دېدى.

باش كۈز پەسىلىدە، خوراتاغ كەنتىگە كەلگەن ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن دېھقانلار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇ سارىيى مېھمانلارغا لىق تولغانىدى. كونا قەلئە ئارامگاھىنىڭ تىجارەتچىسى قۇربان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن 2017- يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ كەنتتە دېھقانلار ئارامگاھى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانىدىم، ھەر يىلى 4- ئايدىن 10- ئايغىچە، تەخمىنەن يېرىم يىل تىجارەت قىلىمەن. ئىلگىرى كۈنلىرىم ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى، دېھقانلار ئارامگاھىنى ئاچقاندىن بۇيان، بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم. بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى يېتىپ كەلگەندە، بىزنىڭ ئۆيگە كېلىدىغان مېھمانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ، سودامنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

2017- يىلى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھىتىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىپ، خوراتاغ كەنتىدىكى 100 نەچچە يۈرۈش ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنى ساياھەتچىلىك پۇقراۋى قونالغۇسىغا ئۆزگەرتىپ، پۈتۈن كەنتتە يىپەك يولى قەدىمىي كەنت قىياپىتىنى شەكىللەندۈردى. ھازىرغا قەدەر، كەنت بويىچە 26 دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىلدى، كەنتتىكى 92 ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ %70ى ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى ۋە ساياھەتچىلىك كەسپىگە قاتناشتى.

2018-يىلى، خوراتاغ كەنتىگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 15 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

ساياھەتچى مىقدارىنىڭ مۇقىم ئېشىشى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى كەينى-كەينىدىن دېھقانلار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇ سارىيى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش سېپىغا قوشۇلدى.

كەنت ئاھالىسى ئابلىكىم مەمەتنىڭ ئائىلىسى 2018- يىلىدىن باشلاپ دېھقانلار ئارامگاھى، پۇقراۋى قونالغۇ سارىيى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانىدى. ئابلىكىم مۇنداق دېدى: «دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقاندىن سىرت، بىز يەنە نەچچە ئېغىز ئۆينى بېزەپ پۇقراۋى قونالغۇ قىلىۋالدۇق، ئۆينىڭ ئىچىنى پاكىز تازىلىدۇق، يوتقان-كۆرپىلەرنىڭ ھەممىسى يېڭى، يازدا مېھمانلار سالقىن ئۆيدە بەھۇزۇر ئارام ئالىدۇ، بىر ئۆينىڭ بىر كېچىلىكى 100 يۈەن».

يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ شىگشىن بازىرى خوراتاغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ليۇ يۈ مۇنداق دېدى: «خوراتاغ كەنتى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى، بىز كەنت ئاھالىلىرىنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ساياھەتچىلەرنى رازى قىلىمىز».

2017- يىلىدىن بۇيان، خوراتاغ كەنتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى، دۆلەت 4A دەرىجىلىك يىپەك يولى قەدىمىي كەنتى مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى