تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تويغۇچە يەپ-ئىچىشتىن ئاشقازان كېرىلىپ كېتەمدۇ؟

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: ھەر قېتىم «تويغۇچە يەپ-ئىچكەن»دىن كېيىن، كىشىلەر دائىم ئۆزىنى ئىلگىرىكىدىن ئىشتەيلىك بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇنداق چاغدا كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا «ئاشقازىنىم كېرىلىپ كەتتىمۇ نېمە» دېگەن ئويلار كېلىدۇ. ئۇنداقتا، ئاشقازان راستتىنلا كېرىلىپ كېتەمدۇ؟ تاماقنى ئاز يېگەنگە ئاشقازان راستتىنلا كىچىكلەمدۇ؟

  ئاشقازاننىڭ ئەڭ «سېمىز» بۆلىكى ئاشقازان خالتىسى بولۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاشقازان خالتىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، لېكىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئاشقازان سىغىمى ئوخشاش بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزگەرمەيدۇ.

  مەسىلەن: ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئاشقازان سىغىمى 100 مىللىلىتىر بولىدۇ، لېكىن ئادەم تاماق يەپ تويغاندىن كېيىن، ئاشقازان سىغىمى 1200 مىللىلىتىردىن 1600 مىللىلىتىرغىچە كېڭىيىدۇ، بۇ چاغدا ئاشقازان سىغىمىنىڭ قانچىلىك چوڭىيىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەزىم قىلىش فۇنكىسىيەسى رولىنى جارى قىلدۇرغاندا،  ئاشقازان سىغىمى يەنىلا ئەسلىگە قايتىدۇ.

  شۇڭا، بىز تۇرمۇشتا دېيىشىدىغان ئاشقازاننىڭ ئەمەلىيەتتە چوڭ-كىچىكلىكى بولمايدۇ، بىزنىڭ دەۋاتقىنىمىز ئاشقازاننىڭ سىغىمىدۇر. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن «تويغۇچە يەپ-ئىچكەن»دىن كېيىن، ئىشتىيىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز؟

  ئەگەر كىشىلەرنىڭ بىر نەچچە ۋاق تاماقنى ئاز يەپ، ئاشقازىنى كىچىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىشى ئەمەلىيەتتە پىسخىكىلىق بىشارەت ۋە ئادەتتىن بولىدۇ. بەزىدە، ھەربىر ۋاق تاماقنى ئاز يەپ ئادەتلىنىپ، بۇ خىل ئادەتنى ئىزچىل ساقلىغاندىن كېيىن، ئادەمدە «ئاشقازىنىم كىچىكلەپ كېتىپتۇ، شۇڭا تاماقنى كۆپ يېيەلمەيۋاتىمەن» دەيدىغان خاتا تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ.

 ئەمما، ئەگەر كۈندە نۇرغۇن يېمەكلىكنى يەۋېلىپ، ئاشقازان دائىم كېرىلىش ھالىتىدە تۇرسا، ئاشقازاننىڭ كېرىلىش-تارىيىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قورساق ئاچقاندا ئاشقازان دىۋارى ئاسانلا بوشايدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاشقازان دىۋارىدا ئوخشاش كېرىلىش كۈچى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان يېمەكلىكمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. 

  ئەگەر ئاشقازان داۋاملىق كېرىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋەرسە، بۇ ئاشقازاننىڭ كېرىلىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى سالامەتلىك، ھەتتا ھاياتقا بولغان خەۋپ ھېسابلىنىدۇ. ئاشقازان توغرا دىئافراگما پەردىسى ھەتتا يۈرەك، ئۆپكىنى بېسىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، قان تومۇر، نېرۋا قاتارلىقلارغىمۇ بېسىم پەيدا قىلىدۇ.

  شۇڭا، ئادەتتە يەنىلا يېمەك-ئىچمەك رىتىمىنى كونترول قىلىش كېرەك، دائىم تويغۇچە يەپ-ئىچمەسلىك ياكى ئورۇقلىماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇ ئاشقازاننىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا پايدىسىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى