8- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 22 دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە، ساياھەتچىلەر ۋېنجوۋجيې يېمەك - ئىچمەك كوچىسى كەچلىك بازىرىدا سۈرەتكە چۈشۈپ، ساياھەت قىلماقتا.
8- ئاينىڭ 26- كۈنى سائەت 22 ئەتراپىدا، شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەر KL شىڭپىنخۇيپىندادا يېمەكلىكلەرنى تېتىماقتا.
8- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 21 ئەتراپىدا، شىداچياۋ ئەتراپىدىكى بىر سودا سارىيىدا، بىر كىچىك دوست يېڭىدىن ئېچىلىپ توردا مودا بولغان كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىدا ئوينىماقتا.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار جياڭ شياۋ، چىن يەن خەۋىرى، فوتوسى) تۈن پەردىسى ئېچىلغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى، «1- ماي» شىڭگۇاڭ كەچلىك بازىرى، ھەر قايسى چوڭ كىنو - تىياتىرخانا قاتارلىق ئورۇنلاردا نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر كۈتۈۋېلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، 2019- يىل 1- ئايدىن 7- ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى جەمئىي 42 مىليون 402 مىڭ 300 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %50.87 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر 14 مىليون 566 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى ۋە شەھەر ئاھالىسى كىنو كۆرۈش، مال سېتىۋېلىش، ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرۈش، كەچلىك بازار قاتارلىق شەكىلدىكى كەچلىك ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان.