تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مىڭفەن خەۋىرى) بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۈنۈگۈنكىدىن (9- ئاينىڭ 8- كۈنى) كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، قىسمەن رايونلاردا ھۆل - يېغىنلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ، 4 بال ئەتراپىدا قىيپاش غەرب شامىلى چىقىدۇ. شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئەتىگەن ۋە كەچتىكى تېمپېراتۇراسى ℃15 ئەتراپىدا بولىدۇ، شۇڭا قېلىنراق كىيىنىڭ؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدا يامغۇر ياغىدۇ، ھاۋاسى نەم ھەم راھەت بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃24، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃14 بولىدۇ، 3 بال شامال چىقىدۇ. ئەتە (9- ئاينىڭ 10- كۈنى) كۈندۈزدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃14 قا چۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدە يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ. سىرتقا چىققاندا قېلىنراق كىيىش بىلەن بىللە، كۈنلۈك ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ. ھەپتە ئاخىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، ئەمما ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃20 تىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.