تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىش كۆۋرۈكىگە تۇتاشتۇرۇش مۇھاپىزەت تاختىسى ئورناتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جياۋېي خەۋىرى، فوتوسى): مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىدىغان 38 كۆۋرۈككە تۇتاشتۇرۇش مۇھاپىزەت تاختىسى ئورناتقان بولۇپ، ھازىر سىناق  تەرىقىسىدە ئىجرا قىلىش ۋە خەۋپ-خەتەر باھالاش تەرتىپىنى قوزغىتىش باسقۇچىدا ئىكەن، پات يېقىندا رەسمىي ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، مۇھاپىزەت تاختىسى يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىش كۆۋرۈكىنىڭ باش تەرىپىدىكى تۇتىشىدىغان رايوننىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تاختا يۈزىگە يېتەكچىلىك ئەسكەرتمە سۆزى يېزىلغان، «يىغىش» ۋە «قويۇۋېتىش»تىن ئىبارەت ئىككى ھالەتكە ئايرىلغان، سىرتقى كۆرۈنۈشى ئىنتايىن كۆركەم ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى