تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» چوڭقۇر مېھر-مۇھەببەتتىن ئىللىغان يۈرەك

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، شىنجاڭ داشۆ، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، قاتناش ئىدارىسىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئالغا بازىرى يار بېشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قانات يايدۇردى.

  پائالىيەتتە، كۆپچىلىك خۇشال-خۇرام جەم بولۇپ، بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىدى، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى ئورۇنلىغان ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى پائالىيەت كەيپىياتىنى ئەۋجىگە چىقاردى، پائالىيەت نەق مەيدانىدا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى، ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە خۇشاللىق ۋە بەخت تۇيغۇسى جىلۋىلەندى.

  كەنت ئاھالىسى جەمىلەم توختى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «تۇغقىنىم بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقىنىمغا ئىككى يىلدىن ئاشتى، ئادەتتە دائىم دېگۈدەك باردى-كەلدى قىلىمىز، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك مېھرىمىز ئىنتايىن چوڭقۇر.»

  (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ياڭ لېي، جياڭ چاۋ تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى