تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

جۇڭچيۇنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدىكى 70 كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى ئالاھىدە باھا بىلەن خەلققە نەپ يەتكۈزىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چىن پېڭ فوتوسى، خەۋىرى): جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى مەھەللە كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىنىڭ «پايدىنى خەلققە ئۆتۈنۈپ بېرىش، پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سايباغ رايونىدىكى مەھەللە كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىدا باھادا ئېتىبار بېرىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

   بۇ قېتىمقى پائالىيەت پىلان بويىچە 9-ئاينىڭ 7-كۈنى باشلىنىپ تاكى جۇڭچيۇ بايرىمى كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. سايباغ رايونىدىكى 70 مەھەللە كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىكەن. پائالىيەت مەزگىلىدىكى ئالاھىدە باھالىق تاۋارلار گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن بولۇپ 13 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، بىر قىسم كۆكتاتلارنىڭ باھاسىدا %50تىن %30كىچە ئېتىبار قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاشلىق زاپىسى يېتەرلىك، بازار تەمىناتى تەرتىپلىك بولدى
  • خوتەنلىك 171 دېھقان ئىشلەمچى ھۆددە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، خۇنەندىكى ئىش ئورنىغا ئىشلەشكە ماڭدى
  • شىنجاڭدىكى كېسەللىكنى كونترول قىلغۇچىلار: بىز قومۇلدا، ۋىرۇسقا يوشۇرۇنغىدەك جاي قالدۇرمايمىز