تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ زىمبابۋېنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇگابىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋاغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ زىمبابۋېنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇگابىنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋاغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىدىن، سابىق زۇڭتۇڭ مۇگابىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى، زىمبابۋې ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن ھەمدە مۇگابى ئەپەندىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇگابى ئەپەندى زىمبابۋې ۋە ئافرىقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىيونى ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، ھايات ۋاقتىدا كۆپ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو - زىمبابۋې، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقى، ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ ۋاپاتى زىمبابۋې خەلقىگە نىسبەتەن غايەت زور يوقىتىش، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى بىر قەدىناس دوستى، ياخشى دوستىدىن ئايرىلدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو بىلەن زىمبابۋېنىڭ قېرىنداشلارچە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، زىمبابۋې ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن زىمبابۋېنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.