تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەڭ تۈپ كاپالىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى فۇ شياۋبو، ليۇ بىڭ

«تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ھەم كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى» خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، فىرانسىيە، ھىندىستان، تۈركىيە، ئافغانىستان، جۇڭگو قاتارلىق 18 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن 60 نەچچە مۇتەخەسسىس، ئالىم مۇھاكىمە تېمىسىنى چۆرىدەپ باراۋەر سۆزلىشىشنى قانات يايدۇردى.

مەيلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى قوللانغان ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش سىستېمىلىق دەرسلىكى ئارقىلىق تەربىيەلەش بولسۇن ياكى ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەت «نىقابلىق كىيىمنى چەكلەش بۇيرۇقى» توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشقا باشلىغان بولسۇن، تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەھدىتى ئالدىدا، بارغانسېرى كۆپلىگەن دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئىدىيەسى جەھەتتە زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى، بۇ، شىنجاڭ قانۇن بويىچە قانات يايدۇرغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى تەدبىرلىرى بىلەن ئۇسۇلى ئوخشىشىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى ئوخشاش. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ قوللانغان تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشكە دائىر نىزام چىقىرىش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تەدبىرلىرى خەلقئارا ئېقىم ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي ئېقىم ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەسەبىزمنىڭ خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ تەھدىتى يەر شارىۋى مەسىلە بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ بىرىنچى دۈشمىنى. ھاياتلىق بىخەتەرلىكى ئەڭ تۈپ كىشىلىك ھوقۇق، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغاندىلا ئاندىن كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرمىغاندا كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا مىقياسىدا يۈزبەرگەن نەچچە مىڭ قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى دېلوسىدا، نەچچە مىليون پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى ياكى سەرگەردان بولدى، نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان مەدەنىي مىراسلار بىراقلا ۋەيران بولدى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى، تېررورىزم كۈچلىرى، ئەسەبىزم كۈچلىرى ھەدەپ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت خەلققە ئىنتايىن زور ئازاب ئېلىپ كەلدى.

نۇرغۇن دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا قاتتىق تەدبىر قوللانغانغا ئوخشاش، شىنجاڭ پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، دۆلەتنى پارچىلايدىغان بارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىشىغا ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى، بۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

بارغانسېرى كۆپلىگەن دۆلەت ھەربىي ۋاسىتە بىلەن زەربە بېرىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرغاندىلا ئاندىن تېررورىزمنىڭ يامراش شارائىتىنى تۈپتىن تۈگەتكىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، مەۋقەنى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىشتىن قول سېلىپ، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى. مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرى سۈپىتىدە، شىنجاڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەسىس قىلىپ، تېررورىزم جىنايىتىنىڭ گىردابىغا بېرىپ قالغان زور بىر تۈركۈم كىشىنى قۇتقۇزۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقى قاتارلىق ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ھوقۇقلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. بۇ ئۇسۇل «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ھەم بىر قاتار خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇيان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ئاساسلىق دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ھەمدە كۆپ دۆلەتتىكى پارتىيە، ئىجتىمائىي تەشكىلات، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلاردىن بولۇپ 1000غا يېقىن كىشى 40 نەچچە تۈركۈمدە شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولدى، ئۇلارنىڭ ئورتاق تونۇشى شۇكى، شىنجاڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، تولىمۇ ئۆرنەك قىلىش قىممىتىگە ئىگە.

تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىمايدىغان ياكى ئۇنىڭغا يالغۇز تاقابىل تۇرالايدىغان بىرمۇ دۆلەت ۋە رايون يوق. بىر مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئوچۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، سىغدۇرۇشچان پوزىتسىيە بىلەن قانۇن بويىچە تېررورىزمغا زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى، كىشىلىك ھوقۇق بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەجرىبىلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ دۆلەت بىلەن ئىدىيەۋى قاراش، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، سىياسىي تۈزۈلمىدىكى توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تېررورىزمغا، ئەسەبىزمگە قارشى تۇرىدىغان ئورتاق تونۇش ۋە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشنى قارشى ئالىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى