20- ئەسىرنىڭ 60-، 70- يىللىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرى بېلەتكە ئاساسەن نورمىلىق تەمىنلەيتتى، تاۋار، ماددىي ئەشيالار ئىنتايىن قىس ئىدى. 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ، ئىستېمال بۇيۇملىرى بازىرى تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغان ساتقۇچىلار بازىرىدىن تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن سېتىۋالغۇچىلار بازىرىغا ئۆزگىرىشكە باشلىدى، تاۋار، ماددىي ئەشيالار ئىنتايىن زور دەرىجىدە موللىشىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە تۇرمۇش قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئاساسىدا، ئىستېمال چىقىمى تۇرالغۇ، خەۋەرلىشىش، ساياھەت، مائارىپ، ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئاغدۇرۇلۇپ، شەھەر - يېزا بازارلىرىدا گۈللىنىپ روناق تېپىشتەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. 2018- يىلى، شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 318 مىليارد 697 مىليون يۈەنگە يەتتى.
تاۋار، ماددىي ئەشيالار زور دەرىجىدە موللاشتى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال دەرىجىسى ئۆستى
مۇھەررىر :
ياسىنجان
|
مەنبە:
شىنجاڭ گېزىتى
2019/09/08 22:08
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.