تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ۋۇ گېنشېڭ: تېنى بىلەن چاقنى توسۇپ ھاياتلىقنى «قوغدىغۇچى»

ۋۇ گېنشېڭنىڭ سۈرىتى (ماتېرىيال سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 8- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋاڭ شيەن) دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى جامائەت خەۋپسىزلىكى مەخسۇس تېمىسىدىكى مۇزېي − شاڭخەي جامائەت خەۋپسىزلىكى مۇزېيىدا، ئىنقىلابىي قۇربان ۋۇ گېنشېڭ قاچقۇن جىنايەتچىنى قوغلىغاندا مىنگەن موتوسىكلىت ئىزچىل قويۇلغان بولۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە پىداكارلىق كۆرسەتكەن بۇ خەلق ساقچىسىنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.

ۋۇ گېنشېڭ، ئەر، 1952- يىلى 5- ئايدا تۇغۇلغان، خۇبېي ئېچېڭدىن، 1968- يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن شاڭخەي چۇڭمىڭ چاڭجېڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1970- يىلى شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ، قاتناش ساقچىسى بولغان. كېيىنكى يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، كېيىن شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش باشقارمىسى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئوتتۇرا ئەترىتىدە مۇئاۋىن شۆبە ئەترەت باشلىقى بولغان.

1975- يىلى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى سائەت 13تىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، چۈشلۈك دەم ئېلىۋاتقان ۋۇ گېنشېڭ شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ جىددىي توسۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى: جۇڭشەن غەربىي يولى ئەتراپىدا يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇش ئېچىنىشلىق ھادىسىسى يۈزبەردى، چوقۇم جىنايەتچىنى تېزلىكتە توسۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئۆلۈشى، يارىلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

خەۋپلىك، جىددىي پەيتتە، ۋۇ گېنشېڭ ۋە خىزمەتداشلىرى تېزلىكتە موتوسىكلىت بىلەن ھادىسە يۈزبەرگەن جايغا بېرىپ، ئىككى يېرىم توننىلىق «يۆجىن» ماركىلىق بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يۈگەنسىز ياۋا ئاتتەك ئۇدۇل كەلگەن يەرگە سوقۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقى، بىر توپ ئوقۇغۇچىنى بېسىپ ئۆتۈپ كېتىپمۇ قىلچە توختىمايۋاتقانلىقى، ئەكسىچە بارغانسېرى غالجىرلىشىپ، ۋەھشىيلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، كۆرگەنلا ئادەمنى سوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

بۇ يۈك ئاپتوموبىلى ھېچنېمىدىن تەپ تارتماي قانچىلىغان بىگۇناھ جانغا زامىن بولدى، ھەتتا قۇچىقىدا بالىسى بار ئاياللارنىمۇ ئاياپ قويمىدى... نەق مەيداندا تۆت ئادەم قازا قىلدى، 30 نەچچە ئادەم يارىلاندى، يەنە كىشىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت چاق ئاستىدا ھاياتىدىن ئايرىلىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.

بىر تەرەپتىن جىنايەتچىنىڭ ياۋۇزلۇقى ئۇچىغا چىققان، بىر تەرەپتىن ئاممىنىڭ ھاياتى خەۋپ - خەتەر ئىچىدە قالغانىدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ساراسىمىگە چۈشۈپ خەتەرگە يىراق يۆنىلىشكە قاراپ يۈگۈرگەندە، ۋۇ گېنشېڭ ۋە خىزمەتداشلىرى قىلچە ئىككىلەنمەي، دەرھال كىشىلەرگە قارشى يۆنىلىشتە يۈك ئاپتوموبىلىغا قاراپ ئېتىلدى. ئاخىر، شاڭخەي تۆمۈريول شۆيۈەنىنىڭ دەرۋازىسىدا، ۋۇ گېنشېڭ ۋە خىزمەتداشلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىنىڭ سومكىسى ئېسىلىپ قالغان ۋەقە تۇغدۇرغان يۈك ئاپتوموبىلىنى بايقىدى.

يۈك ئاپتوموبىلى ئادەم ئېقىمى زىچ ۋۇنىڭ يولى چاڭشوۋ يولىغا بۆسۈپ كىرەي دەپ قالغانىدى، كۆپ قېتىملىق توسۇش ئۈنۈم بەرمىگەن ئەھۋالدا، 23 ياشلىق ۋۇ گېنشېڭ كۆپ ئويلىنىشقا ئۈلگۈرمەيلا، قەھرىمانلارچە موتوسىكلىتنى ھەيدەپ يۈك ئاپتوموبىلىغا قاراپ ئۇدۇل ئېتىلىپ، تېنى ۋە موتوسىكلىتى ئارقىلىق ۋەھشىي يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ چاقىنى توسۇپ قالدى.

«گوم» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يۈك ئاپتوموبىلى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن كونتروللۇقىنى يوقىتىپ، يول بويىدىكى لاي - پاتقاقلىققا چۈشۈپ كەتتى، بۇ قانخور ئاپتوموبىل چاقى ئاخىر مەجبۇرىي توختىتىلدى؛ خەلق ساقچىلىرى ۋە ئامما بىراقلا يوپۇرۇلۇپ بېرىپ، جىنايەت گۇماندارىنى تىرىك تۇتتى. ھالبۇكى، ۋۇ گېنشېڭ كۈچلۈك زەربىنىڭ كۈچىدىن قاڭقىپ ئون نەچچە مېتىر يىراقلىققا ئۇچۇپ چۈشتى، پۇت - قوللىرى ۋە باش سۆڭىكىنىڭ كۆپ قىسمى سۇنۇپ، قانسىراش مىقدارى 2000CCگە يېتىپ، ئېغىر يارىلاندى.

بىر نەچچە كۈن ھوشسىز ياتقاندىن كېيىن، ۋۇ گېنشېڭ ھوشىغا كەلدى، ئۇ بىرىنچى بولۇپ: «قاتىل تۇتۇلدىمۇ - يوق؟ خىزمەتداشلار ياخشىمۇ؟» دېدى.

1977- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى سائەت 23تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، ئەھۋالى ناچارلىشىپ، ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن ۋۇ گېنشېڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي بەختكە قارشى قازا قىلغان. شۇ يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى، شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شاڭخەي شەھەرلىك كومىتېتى پۈتۈن شەھەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى، ياشلارنى يولداش ۋۇ گېنشېڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىشكە چاقىرغان، شاڭخەي شەھىرىدىكى «ئازادلىق گېزىتى» «ۋېنخۇي گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلار ئۇنىڭ شەرەپلىك ئىش ئىزلىرىنى بەس - بەستە خەۋەر قىلغان. 1977- يىلى 1- ئاينىڭ 14- كۈنى، ۋۇ گېنشېڭغا ئىنقىلابىي قۇربان دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلگەن.

بۈگۈنكى كۈندە، ئىنقىلابىي قۇربان ۋۇ گېنشېڭنىڭ يۇرتى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئېجوۋ شەھىرىدە، ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان زور بىر تۈركۈم قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقاتتى. ئېجوۋ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكى كۆپلىگەن خەلق ساقچىسى مۇنداق بىلدۈردى: ئىنقىلابىي قۇربان ۋۇ گېنشېڭنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى بىزنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى، بىز ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، خالىس ۋە قورقماس قىياپىتىمىز، باتۇر ۋە جەڭگە ماھىر ھەرىكىتىمىز، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش كۈچىمىز بىلەن، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنىڭ «قوغدىغۇچى»لىرىدىن بولۇشقا بەل باغلىدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى