تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى ۋەزىپە قىلىش كېرەك

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەردىكى كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ تىلىكىنى بىلدۈردى

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى ۋەزىپە قىلىش كېرەك

جاۋاب خەت

پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شۇجىلىرى، مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى:

ياخشىمۇسىلەر! خەتنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئەھۋالدىن خەۋەر تاپتىم. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپ باشقۇرۇش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تالانتلىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈپ، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن - تېخنىكىدا، ئىختىساسلىقلاردا. يېڭى دەۋردە، يېزىلار ئۈمىدكە تولغان دالا، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كەڭ سەھنە، دۆلىتىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ئالىي مائارىپىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. سىلەرنىڭ داۋاملىق ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى ۋەزىپە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزا ئىگىلىكىنى سۆيىدىغان يېڭىچە ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ كۆپ يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مىليونلىغان دېھقاننىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە ئىدىيە - ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2019- يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 6- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 5- كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شۇجىلىرى، مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت يېزىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈردى ۋە ئۇلاردىن ئۈمىد كۈتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپ باشقۇرۇش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تالانتلىقلارنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈپ، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن - تېخنىكىدا، ئىختىساسلىقلاردا. يېڭى دەۋردە، يېزىلار ئۈمىدكە تولغان دالا، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كەڭ سەھنە، دۆلىتىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ئالىي مائارىپىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. سىلەرنىڭ داۋاملىق ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى ۋەزىپە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزا ئىگىلىكىنى سۆيىدىغان يېڭىچە ئىختىساسلىقلارنى تېخىمۇ كۆپ يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مىليونلىغان دېھقاننىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە ئىدىيە - ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

يېقىندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار 50 نەچچە ئالىي مەكتەپنىڭ 100دىن ئارتۇق شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى ۋە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مۇتەخەسسىسى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جېجياڭ ئەنجىدا يېڭى دەۋردىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق پەن قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ مۇھاكىمىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، 1 مىليون 300 مىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋاكالىتەن يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەسەم بېرىپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.