تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پاك - دۇرۇس بولۇشتا ئۈلگە بولۇش  خىسلەتنى، ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاش

− شىنجاڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئۇنىۋېرسال بايان

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي

پاك - دۇرۇس بولۇشتا ئۈلگە بولۇش «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ كونكرېت نىشانىنىڭ بىرى. باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسىگە قارشى كۈرەش قىلىپ، قەتئىي ھالدا چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، پاك ئەمەلدار بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىپ، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

ئەسلىي مەقسەتنى بىلىپ، پەرقلەرنى تېپىش    ئىدىيە مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش

توغرا كەيپىيات يېتىلدۈرۈش كوممۇنىستلارنىڭ تەربىيەلىنىش خىسلىتى، پاك - تەلەپچان بولۇش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى. باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەسلەش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، ئىلغار تىپلاردىن ئۆگىنىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تەلەپكە سېلىشتۇرۇپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، ئۆزىدىكى ھېيىقىشنى بىلىش، ھەزەر ئەيلەش، تۆۋەن چەكنى ساقلاش جەھەتتە ساقلانغان پەرقلەرنى تېپىپ، ئۆزىنى تاۋلاش، ئۆزىنى چەكلەش، ئۆز ئوبرازىنى يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پاك - تەلەپچان بولۇشتا ئۈلگە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيەسى چوڭ دەرسخانىسى ئېچىش، ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى كۆرۈش، ئاپتونوم رايوننىڭ پاكلىق تەربىيەسى بازىسىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئىدىيەۋى تەربىيەنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، «تۆت خاھىش» «تۆت كەيپىيات»نى ئۈزلۈكسىز تۈزىدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ھەر ۋاقىت ئىدىيە جەھەتتىكى چاڭ - توزانلارنى تازىلاپ، مەنىۋى يۈكسەكلىكنى چىڭ ساقلاپ، پاك ئادەم بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىپ، ھوقۇقنى ئادىل يۈرگۈزۈپ، ئائىلىنى پاك باشقۇردى.

ئاپتونوم رايون يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىنى تەشكىللەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يولداش جاڭ فۇچىڭدىن ئۆگىنىشنىڭ بىر مەيدان قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى. پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئىنقىلابىي قۇربانلاردىن ئۆگىنىپ، جاڭ فۇچىڭدىن ئۆگىنىپ، نام - مەنپەئەتنى ھاڭگىرت پېيىدەك قەدىرسىز بىلىپ، پارتىيە ئىشلىرىنى تەيشەن تېغىدىن مۇھىم بىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان خەلق چاكىرى بولىمىز.

ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىش    ئىستىل مەسىلىسىنى تۈزەش

ئاپتونوم رايونىمىز مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتۇشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، كونكرېت مەسىلىلەردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئامما ئەڭ نارازى بولغان جايلاردىن باشلاپ تۈزىتىپ، ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەپ، ئاڭلىق ھالدا ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز ھادىسىسىگە قارشى كۈرەش قىلىپ، مەسىلە پەيدا بولىدىغان «تۈڭلۈك» ۋە «يوشۇرۇن ئىشىك»نى قەتئىي ئەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئۆز قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، دىققەتنى سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، كەسىپ قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، قايتا ئويلىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلاردىن ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشنى، تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنى قەتئىي جازالاپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش - نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈزەش ۋەزىپىسىنىڭ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى تەپتىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى مېڭ جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش - نازارەت قىلىش رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىش مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ قويۇۋەتمەي، ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىشنى قاتتىق، ئەمەلىي ياخشى تۇتىمىز.»

ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى يېزىلاردىكى ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، دەريا، كۆللەردىكى «تۆت قالايمىقانچىلىق»نى تازىلاش، سۇ ئامبارلىرىدىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تۈزەش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە قارىتا، نازارەت قىلىش بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەش، ئوخشاش ۋاقىتتا كۈچ چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەش ۋە مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنىڭ «ئەڭ چوڭ ئۈنۈم ئېففېكتى»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش قىلىپ، نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا يېڭى نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق، پاك - دۇرۇس بولۇشتا ئۈلگە بولۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

تۈزىتىشنى تۇتۇپ، قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش    ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىققا تارتىشنى چىڭىتىش

باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 - تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان تارماقلار، ئورۇنلار سۆڭەكنى قىرىپ يارىنى داۋالايدىغان جاسارىتى ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن مەخسۇس تۈزەشنى تۇتقا قىلىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چىرىكلىشىش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق چىرىكلىككە ئائىت بىر تۈركۈم دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش رولىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى خەلقتىن ئەيمىنىدىغان، تەشكىلدىن ئەيمىنىدىغان، قانۇن، ئىنتىزامدىن ئەيمىنىدىغان، ئۆزىنى تەمكىن تۇتالايدىغان، ھەرىكىتىنى باشقۇرالايدىغان، پاكلىقىنى ساقلىيالايدىغان قىلدى.

«باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بىز <چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ بولۇش> نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، بىر تۈركۈم ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئادىل، قاتتىق بولۇپ يۈز - خاتىر قىلمايدىغان، ئەخلەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلايدىغان، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ كۆپچىلىككە زىيان يەتكۈزگۈچىلەرنى تازىلايدىغان قەتئىي ئىرادىمىزنى تولۇق نامايان قىلىپ، باشقىلارنى تۈزەش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىمىزنى تۈزەش كېرەكلىكىدىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنالنى سىجىل تارقاتتۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى نازارەتچىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نيې گۇاڭيۈەن.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى 2017 - يىلىدىن بۇيانقى ئاپتوموبىللارنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش - نورمىدىن ئارتۇق يۈك بېسىشىنى تۈزەش قانۇن ئىجراسى دېلولىرى ۋە قېلىپلاشمىغان قانۇن ئىجرا قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ يىپ ئۇچلىرىغا قارىتا « قايتا قاراپ چىقىش» ئېلىپ بېرىپ، بەزى يول مەمۇرىيىتى خادىملىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشى قېلىپلاشماسلىق، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، ئاپتوموبىللارنى قالايمىقان تۇتۇپ قېلىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 11 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي جازا بەردى، ساھە قالايمىقانچىلىقى كۈچلۈك توسۇلدى.

پۇت تىرەپ تۇرۇشتا ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خەلقنىڭ چاكىرى بولۇش ۋىجدانىنى يوقاتماسلىق، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماسلىق كېرەك. باش تېما تەربىيەسى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتتى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: خەلق ئۈچۈن ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، پاك ئادەم بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى