تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى مەشھۇر جاڭجۈن: سەي تىڭكەي

سەي تىڭكەينىڭ سۈرىتى (ماتېرىيال سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى شيۇڭيىڭ) ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 7000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان، «富» خېتى شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، كۆك خىش بىلەن كېسەكتىن قاپلاپ سېلىنغان، خىش - كاھىش - ياغاچ قۇرۇلمىلىق بۇ تۇرالغۇ دەل جاڭجۈن سەي تىڭكەينىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى.

سەي تىڭكەي، 1892 - يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لودىڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، كىچىكىدىنلا ئوقۇشسىز قېلىپ، ئۆسمۈر چېغىدىلا ھەربىي سەپكە ئاتلانغان. باشلىقى چېن مىڭشۇ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەسىرىدە، سەي تىڭكەي سۇن جۇڭشەن يېتەكچىلىكىدىكى ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 1922 - يىلى 3 - ئايدا، سۇن جۇڭشەن شاۋگۇەندە قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ شىمالغا جازا يۈرۈش قىلغان، شىنفېڭ شەھىرىنى ئىگىلەش جېڭىدە، سەي تىڭكەي بۇيرۇققا بىنائەن، چېكىنىپ قاچقان دۈشمەنگە كېچىلەپ قوغلاپ زەربە بەرگەن. ئۇ پۈتۈن ليەننى باشلاپ بىر كۈندە 100 چاقىرىمدىن ئارتۇق يۈرۈش قىلىپ، زەربىدارلىق بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ دۈشمەن قوشۇنىنى تارمار قىلىپ قورالسىزلاندۇرغان، شىمالغا جازا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇن شىنفېڭ شەھىرىنى ئوڭۇشلۇق ئىگىلىگەن، سەي تىڭكەيگە بىر قېتىم تۆھپە يېزىلغان.

1926 - يىلى 7 - ئايدا، خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسى شىمالغا جازا يۈرۈش قىلغان، سەي تىڭكەي 4 - جۈن 10 - شى 28 - تۇەننىڭ تۇەنجاڭلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇزاق ئۆتمەي، 4 - جۈننىڭ ئىشتاتى كېڭەيتىلىپ، سەي تىڭكەي 11 - جۈن 24 - شىنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 1930 - يىلى، سەي تىڭكەي 19 - جۈننىڭ جۈنجاڭلىقىغا تەيىنلەنگەن.

1931 - يىلى 18 - سېنتەبىر ۋەقەسى پارتلىغاندا، سەي تىڭكەي بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 19 - جۈندىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق كوماندىر - جەڭچىنى باشلاپ، گەنجوۋدا ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا قەسەم قىلغان.

1931 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، سەي تىڭكەي پۈتۈن ئارمىيەدىكى لۈجاڭدىن يۇقىرى كادىرلار بىلەن مەخپىي كېڭىشىپ، 1932 - يىلى 2 - ئايدا قىسىمنى باشلاپ تيەنجىن - پۇكوۋ لىنىيەسىنى بويلاپ شەرقىي شىمالغا بېرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇۋاتقان ما جەنشەن، دىڭ چاۋ، لى دۇلارغا ياردەم بەرمەكچى بولغان. لېكىن بۇ چاغدا ياپونىيە جۇڭگوغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى ئەتەي كېڭەيتىپ، 30 نەچچە ھەربىي پاراخوت ۋە نەچچە مىڭ كىشىلىك قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قوشۇن ئەۋەتىپ شاڭخەيدە قۇرۇقلۇققا چىققان ھەمدە توختىماي ۋەقە تۇغدۇرۇپ، شاڭخەينىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن، سەي تىڭكەي سۇڭخۇدا قېلىپ ئۇرۇشقا جىددىي تەييارلىق كۆرگەن.

1932 - يىلى 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يېرىم كېچىدە، ياپونىيە جاھانگىرلىكى شاڭخەيگە ھۇجۇم قوزغاپ، 28 - يانۋار ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان. ئىككىنچى كۈنى سەي تىڭكەي، جياڭ گۇاڭنەي، دەي جى ئۈچەيلەن بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرگە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا تېلېگرامما يوللاپ، ھەربىي بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، «يوللۇق قوغدىنىپ، زېمىنىمىزنى قوغداشنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئالىقانچىلىك يەر، بىر تال گىياھتىنمۇ ۋاز كەچمەيمىز، ۋەتەننى قوغداپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتا قۇربان بولۇپ بىر ئەسكىرىمىز، بىر پاي ئوقىمىز قالسىمۇ، ھەرگىز چېكىنمەيمىز» دېگەن. 40 كۈنگە يېقىن قانلىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق، 19 - جۈن بىر ئايدىن ئارتۇق جاپالىق تىركىشىپ، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ «تۆت سائەتتە شاڭخەينى ئىشغال قىلىمىز» دېگەن تەلۋىلەرچە ئېيتقان يوغان گېپىنى تارمار قىلىپ، ئۇلارنى كۆپ قېتىم باش قومانداننى ئالماشتۇرۇش، ياردەمچى قوشۇننى كۆپەيتىشكە مەجبۇر قىلغان. 28 - يانۋار سۇڭخۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ھەيۋىسىگە ئېغىر زەربە بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىپ، كېيىنكى ئومۇميۈزلۈك ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلىگەن.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى قەتئىي تەشەببۇس قىلىپ، نەنجىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلاشماسلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، قىزىل ئارمىيە بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، 1933 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، سەي تىڭكەي چېن مىڭشۇ، جياڭ گۇاڭنەي قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە مەشھۇر فۇجيەن ۋەقەسىنى قوزغاپ، جۇڭخۇا جۇمھۇرىيىتى خەلق ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنى قۇرغان. سەي تىڭكەي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسى 1 - يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ باش سىلىڭى بولغان. ئۇلار فۇجيەننى مۇھاسىرىگە ئالغان گومىنداڭغا قاراشلىق قىسىملارغا تاقابىل تۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش، جياڭ جيېشىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا قىزىل ئارمىيە بىلەن دەسلەپكى كېلىشىم ئىمزالىغان. بۇ ھەققانىي ھەرىكەت ئەينى ۋاقىتتا غايەت زور تەسىر پەيدا قىلغان.

ۋەقەدىن كېيىن، سەي تىڭكەي چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1935 - يىلى، سەي تىڭكەي شياڭگاڭدا لى جىشېن، چېن مىڭشۇ، جياڭ گۇاڭنەي قاتارلىقلار بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى ئىنقىلابىي بۈيۈك ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار بىلەن بىرلىشىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. پۈتۈن مەملىكەتتە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، سەي تىڭكەي ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ كۇنلۇنگۇەن ئۇرۇشى قاتارلىقلارغا قاتناشقان، لېكىن كېيىن جياڭ جيېشى ھەربىي ھوقۇقىنى تارتىۋالغان، ئۇنىڭ تولۇپ تاشقان ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بولسىمۇ، ئەمما دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىمكانىيەت بولمىغان.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىچكى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش، تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋەزىيىتى ئالدىدا، سەي تىڭكەي لى جىشېن، خې شياڭنىڭ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو گومىنداڭ دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنى تەشكىللەشكە تەييارلىق قىلىپ، دېموكراتىك ئىنقىلابىي كۈرەشكە ئاكتىپ قاتناشقان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ جياڭ جيېشىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا، گومىنداڭنىڭ ئىچكى ئۇرۇش قوزغىشىغا قارشى سىياسىي كۈرەشكە پائال ئاتلانغان. 1947 - يىلى، ئۇ جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان، 1948 - يىلىنىڭ بېشىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شياڭگاڭدا قۇرۇلغان، سەي تىڭكەي مەركىزىي كومىتېت دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، قوشۇمچە مالىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلانغان.

1948 - يىلى 9 - ئايدا، سەي تىڭكەي جۇڭگو گومىنداڭ دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باش ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، شەرقىي شىمالدىكى ئازاد رايونغا بېرىپ، «يېڭى سىياسىي كېڭەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر» سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشقان.

بېيپىڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن كېيىن، سەي تىڭكەي ۋە باشقا دېموكراتىك زاتلار بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تەييارلىق يىغىنى ۋە 1 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشقان، ئورتاق پىروگراممىنى تۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتناشقان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، سەي تىڭكەي مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۇنيا تىنچلىق كېڭىشىنىڭ كېڭەش ئەزاسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1968 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، سەي تىڭكەي كېسەل سەۋەبىدىن بېيجىڭدا ۋاپات بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى