تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلار كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك. مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تونۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتى بېيىتىلغان ۋە راۋاجلاندۇرۇلغان بولۇپ، بىزنى نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلەيدىغان مۇھىم مىزان، يېڭى دەۋردىكى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ياش كادىرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم يېتەكچى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي خىسلەتنى تاۋلاپ، سىياسىي خىسلەت ۋە ئىنقىلابىي روھنى مەڭگۈ ساقلاپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر جەڭچى بولۇش كېرەك. كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. كوممۇنىستلارنىڭ كۈرەش يۆنىلىشى، مەيدانى، پىرىنسىپىنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەي، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى ھەر ۋاقىت چىڭ كۆزلەپ، ئىشنىڭ بىخ ھالىتىدىلا ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، قەيسەر كۈرەش قىلىش روھى، مۇستەھكەم كۈرەش قىلىش ئىرادىسى، ئۈستۈن كۈرەش قىلىش ماھارىتى بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئوتتەك ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، مەسىلە، خىرىسلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، قانچە مۈشكۈل، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ئېڭى، كۈرەش قىلىش روھى، كۈرەش قىلىش شىجائىتى بىلەن، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.