تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كۈرەش قىلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ھەم سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش، ھەم ماھارىتى يۇقىرى، كۈچلۈك بولۇش كېرەك. نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىشتا، ھەم كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ھەم كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

«كۈرەش قىلىش بىر سەنئەت، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.» 2019- يىلى كۈز مەۋسۇمىلىق مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخ بىلەن رېئاللىقنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، خەلقئارا بىلەن دۆلەت ئىچىنى ئۆزئارا باغلاش، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت كەڭ نەزەر دائىرىسى بىلەن، كەڭ كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلارنىڭ كۈرەش قىلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلىشى، كۈرەش قىلىش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بىزنى كۈرەش قىلىش ماھارىتىمىزنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشىمىز ئۈچۈن چوڭقۇر بىلىش نەزەرىيەسى ۋە ئىلمىي مېتودولوگىيە بىلەن تەمىنلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەمىز بېكىتكەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جاسارەت بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، قارىغۇلارچە، قاراملىق بىلەن ئىش قىلغاندا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. قانۇنىيەتنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇش پارتىيەمىزنىڭ خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىشى، تۈرتكە بولۇشىدىكى غەلىبە ئەڭگۈشتەرى، شۇنداقلا كۈرەش قىلىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزنىڭ مۇھىم يولى. بۇ بىزدىن تۈرلۈك مۇھىم، زور كۈرەشلەردە، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىش بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاشنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشىمىزنى، ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم چىقىرىش بىلەن تاكتىكىدا كەسكىن بولۇشنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشىمىزنى، كۈرەش قىلىش جەريانى بىلەن كۈرەش قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. «ئۇرۇشقا ماھىر كىشىلەر ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرىدۇ.» چوڭ ۋەزىيەت ۋە چوڭ يۈزلىنىشنى توغرا ئىگىلەش ئەزەلدىن كۈرەشتە غەلىبە قىلىشىمىزنىڭ ھەل قىلغۇچ شەرتى. رەھبىرىي كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەشتە قىسمەنلىككە قاراش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھۆكۈم قىلىش ۋە ھەرىكەت قوللىنىشى ھەم تېز، ھەم دەل بولۇش، كۈرەش قىلىش مۇساپىسىنى توغرا ئىگىلەپ، تەدبىر چىقىرىش پۇرسىتىگە ھۆكۈم قىلىش، نىشان مەركىزىنى توغرا تېپىپ، بىر زەربە بىلەن دەل جايىغا تەگكۈزۈش كېرەك.

كۈرەش قىلىشنىڭ قائىدىسى، ئۇسۇلى بار، بۇ نوچىلىق قىلىپ بەسلىشىش، باتۇرلۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن قاراملىق بىلەن ئېلىشىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا تاكتىكا، ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش، كۈرەش قىلىش سەنئىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئاساسلىق زىددىيەتنى تۇتۇش، زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرىپىنى تۇتۇش كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. كۈرەش قىلىشتا داۋلىلىق، پايدىلىق، رىتىملىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش شەكلىنى مۇۋاپىق تاللاپ، كۈرەش قىلىش دەرىجىسىنى ئىگىلەپ، پىرىنسىپلىق مەسىلىدە قىلچە يول قويماي، تاكتىكا مەسىلىسىدە جانلىق، ھەرىكەتچان بولۇش كېرەك. ۋەزىيەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى ئىگىلەپ، كۈرەش تاكتىكىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەش كېرەك. ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغانلىكى بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاپ، كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئىتتىپاقلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۈرەش قىلىش جەريانىدا ھەمكارلىقنى كۆزلەپ، كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئورتاق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا كۈرەش داۋامىدا ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرگۈزۈپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرغۇزۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىنىپىي ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.

كۈرەش قىلىش روھى، كۈرەش قىلىش ماھارىتى تۇغما بولمايدۇ، پارتىيە ئىستاژىنىڭ ئېشىشى، ۋەزىپىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ تەبىئىي ئۆسمەيدۇ. رەھبىرىي كادىرلار قاتتىق بولغان ئىدىيەدە تاۋلىنىش، سىياسىيدا چېنىقىش، ئەمەلىيەتتە چېنىقىشقا بەرداشلىق بېرىشى، مۇرەككەپ، كەسكىن كۈرەشتە بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆرمىگەننى كۆرۈپ، بېلىنى رۇسلاپ، ھەقىقىي تاۋلىنىپ، ھەقىقىي خىسلىتىنى ساقلىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك، نەزەرىيەدە سەگەك بولغاندىلا، سىياسىيدا ئاندىن قەتئىي بولغىلى بولىدۇ، كۈرەش قىلغاندا ئاندىن جاسارەت بولىدۇ، ئاندىن كۈچ بولىدۇ. مۇھىم، زور كۈرەشلەردە چېنىقىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، قىيىنچىلىق قانچىكى زور، زىددىيەت قانچىكى كۆپ جايدا، ۋەزىيەت قانچىكى كەسكىن، ئەھۋال قانچىكى مۇرەككەپ بولغان ۋاقىتتا، جاسارەتنى شۇنچە ئۇرغۇتۇپ، ئىرادىنى شۇنچە چېنىقتۇرۇپ، قابىلىيەتنى شۇنچە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. تۈرلۈك كۈرەشلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، «بوران - چاپقۇن»لارنى كۆپرەك باشتىن كەچۈرۈپ، «قول تۇتىدىغان مەسىلە»لەرگە كۆپرەك تۇتۇش قىلىپ، بىرنەچچە قېتىم «قىزىق قازاندىكى چۈمۈلە» بولغاندا، ئاندىن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش روھىنى ئۈزلۈكسىز تاۋلىغىلى، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش، زور تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئاممىۋى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، قارا، رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش... رەھبىرىي كادىرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈرەش بەك يىراق ئەمەس، كۈرەش يېنىدىلا. پەي - قاناتنى ئاسرايدىغان «ئېسىلزادە»لەردىن بولماي، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر جەڭچىلەردىن بولۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئۆز خىزمەت ئورنىمىزدا، ھەربىر سۆز - ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، بىز «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى