تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلىدۇ

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېتەكچى پىكىر بېسىپ تارقاتتى

2- تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى « 2- تۈركۈمدىكى <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى تۇتۇش جايىدا بولۇش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشنى تۇتۇش جايىدا بولۇش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش جايىدا بولۇش، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى تۇتۇش جايىدا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن تولۇق ئۆرنەك ئېلىپ، پايدىلىنىپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا خىلاپ كېلىدىغان ھەر خىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە نەتىجىگە ئېرىشىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرگە ئاساسەن، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى 2019- يىلى 9- ئايدا باشلىنىپ، 11- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلىشىدۇ. ئاساسلىقى، مەركەز باشقۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر ۋە باشقا ئالىي مەكتەپلەر، شەھەر، ناھىيە ئورگانلىرى ھەم ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، يېزا - بازارلار، كوچا باشقارمىسى ۋە كەنتلەر، مەھەللىلەر، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلار، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشمىغان مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز باشقۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلارنىڭ ئەۋەتكەن ئاپپاراتلىرى ۋە شۆبە - تارماق ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەينەن ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، نەزەرىيە ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، نەزەرىيە ئارقىلىق بۇرچقا يېتەكچىلىك قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ھەم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردا ساقلانغان مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ ئىدىيەدىكى نېگىزلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتا تەۋرەنمەسلىك، ھەم ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتەك ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش كېرەك. ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئالدىن ئۆگىنىپ - ئالدىن ئۆزگەرتىپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىش، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش - تەربىيەسىگە ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تارىخنى ئۇنتۇماسلىققا، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىققا يېتەكلەپ، باشتىن - ئاخىر كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئىنقىلاب روھىنى ساقلاپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ھەر خىل جاپا - مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

پىكىردە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش كېرەك. دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى زىچ چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش بىلەن تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورگانىك يۇغۇرۇش، باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، مەركەزنىڭ باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىدە مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى بويىچە، مەخسۇس تۈزەشنى ئىككى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە تۇتاشتۇرۇپ، سىجىل ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك.

پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ ئۆگىنىش - تەربىيەسى ۋە تەكشۈرۈش - كۆزىتىشى، تۈزىتىشىنى ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ۋە شۇ بويىچە يولغا قويغان رەھبەرلىك بەنزىلىرىدىن باشقا پارتىيە ئەزالىرى باش تېما تەربىيەسىگە قاتنىشىپ، پارتىيە ياچېيكىسىنى بىرلىك قىلىپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى قاتارلىقلارغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئۆگىنىش - تەربىيەنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى شەخسلەر ئۆزى ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىش، «شى جىنپىڭنىڭ <ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن تاللانما» قاتارلىقلارنى ئەينەن تولۇق ئوقۇپ چىقىش، ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشقا تەشكىللەش كېرەك. ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، تۈزىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرتى ۋە مەجبۇرىيىتى، ھوقۇقىغا سېلىشتۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى» «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزان» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»غا سېلىشتۇرۇپ، ئامما ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر - تەكلىپلەر قاتارلىقلارغا سېلىشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىق ئېڭى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرقلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلىلەرنى ماددىمۇماددا تىزىپ چىقىپ، تۈرمۇتۈر دەل جايىدا تۈزىتىشكە تەشكىللەش كېرەك. شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى قاتارلىق ھازىر بار بولغان پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش ۋاسىتە سۇپىسىدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا، ئوخشاش بولمىغان توپتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتا، جانلىق، يېڭى، كۆپچىلىك ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، دېلو مىسالى تەربىيەسى، ئاممىۋى ئۈندىدار نومۇرى، مىكرو سىن قاتارلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، پارتىيە ياچېيكىلىرى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى بىر قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دەرىجە، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى چېتىلىدىغان ئورۇنلار ۋە خادىملارنىڭ دائىرىسى كەڭ، تىپى كۆپ، مىقدارى زور، ئەھۋالى مۇرەككەپ. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلام - دەرىجە، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكتلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەشكىللەش - يېتەكلەش شەكلىنى ياخشىلاپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنىڭ تولۇق قاپلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك.

پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر)لىك پارتكوملار ئۆز رايونىنىڭ 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدىكى باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، پىلانلاش - يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، جايىدا، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شەھەرلىك، ناھىيەلىك پارتكوملار باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇشتىكى ئاچقۇچلۇق قاتلام - دەرىجە بولۇپ ھەم ئۆزىنى تۇتۇشى، ھەم ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇشى، يەنە يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ تۈزىتىش ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈستىگە ئېلىشى، زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر - بىرىگە باغلاش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەم ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى قۇرۇپ، تەشكىللەش، يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن تۇتۇپ، بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى