تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسىنى تېجەشلىك، مۇھىت ئاسرايدىغان قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى، ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسىنى تېجەشلىك، مۇھىت ئاسرايدىغان قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايون ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى، ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسى قۇرۇلۇشى ھەم مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى، ھاجەتخانا قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى خۇلاسىلىدى، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش - ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

8- ئايدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى، ھاجەتخانا قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مىقداردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، سۈپەتتە ئۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى، ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى ۋە تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ ئانالىز قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىدىيەۋى تونۇش جەھەتتە دىققەتنى يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈش، خىزمەت تەدبىرى جەھەتتە يەنە تېخىمۇ كۈچەيتىش، تىجارەت باشقۇرۇش جەھەتتە يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتە يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يامان خاراكتېرلىك رىقابەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ساياھەت رايونى ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى جەھەتتە، تېجەشلىك، مۇھىت ئاسرايدىغان بولۇش، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈش، بازارغا ئۇيغۇنلىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەت رايونى ھاجەتخانىسى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە قىشلىق ساياھەت خىزمىتىنى ئالدىن پىلانلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت خىزمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ سىجىل تېز، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى