تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 5- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالىدى، تەقدىرلىدى، بۇ، ياخشى كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىش، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشى، ياخشىلىققا ئىنتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، خەلققە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى، توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش روھىنى، پائال ئىلگىرىلەيدىغان، ئەخلاق - پەزىلەتكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايان قىلدى. ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىشىلەرنى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئالىيجاناب ئەخلاقنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن، مەدەنىي كەيپىياتنى قوغدىغۇچىلاردىن، گۈزەل تۇرمۇشنى ياراتقۇچىلاردىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ئەخلاقى، كەسىپ ئەخلاقى، ئائىلىۋى گۈزەل ئەخلاق، شەخسىي ئەخلاق - پەزىلەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئەخلاقنىڭ ئىللىق نۇرى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپ، مەدەنىيلىك مېھىر - شەپقىتى ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە ئەخلاق تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى سۆھبەت يىغىنى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەنگۈچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم سۆھبەت يىغىنىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئوقۇدى. ئارقىدىن، ئۇ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈلگىنىڭ كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەخلاق ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىپىك ئۈلگىلەرنى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلتۈرۈپ، مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتىنى ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاققىچە ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا، تەقدىرلەش قارارى ئوقۇپ ئۆتۈلدى، جاڭ فۇچىڭ قاتارلىق 58 يولداشقا 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى، جاڭ جياشىن قاتارلىق 257 يولداشقا 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامىنى ئاتاش مۇكاپاتى بېرىلدى. 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش نەمۇنىچىسى، خۇبېي ئۆلكىلىك ھەربىي رايون ۋۇخەن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان كادىرلار 7 - ساناتورىيەسىدىكى دەم ئېلىشقا چىققان كادىر ما شۈ، 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆزىنى بېغىشلاش نەمۇنىچىسى، سىچۇەن ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇچقۇچىسى ليۇ چۇەنجيەن، 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆزىنى بېغىشلاش نەمۇنىچىسى، جېجياڭ داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى شياۋيىفۇ دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياۋ يۈفېڭ ھەمدە ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۇن چۇنلەن يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، ئالدىنقى نۆۋەتلەردىكى مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك پارتكوم ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى تەشۋىقات بۆلۈملىرىنىڭ بۆلۈم باشلىقلىرى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىلىرىنىڭ مۇدىرلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.