تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

قومۇلدا تۇنجى بوشلۇق ئەينەك كارىدورى ياسالدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۇ روڭجى خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ساۋ شىنجيا فوتوسى) يېقىندا، قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى تۇنجى بوشلۇق ئەينەك كارىدورى سىرتقا ئېچىۋېتىلىدىكەن، شۇ چاغدا، ساياھەتچىلەر «قورققانلىقتىن بەدىنى شۈركىنىپ كەتكەن» ھېسسياتنى ھېس قىلالايدىكەن.
   9- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باركۆل ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇۋ ۋېيفەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بوشلۇق ئەينەك كارىدور تۈرى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى. شۇنداقلا يەنە باركۆل ناھىيەسىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش خىزمىتىدىكى زور نەتىجىلەرنىڭ بىرى. بوشلۇق ئەينەك كارىدورى باركۆل ناھىيەسىنىڭ كۆلياقا يېزىسى قارا چەڭزى كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇرۇلۇشقا ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن.
   «ھازىر تەكشۈرۈش تارماقلىرى بوشلۇق ئەينەك كارىدورىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، ئەينەك كارىدورنىڭ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، 9- ئاينىڭ 10- كۈنى سىرتقا ئېچىۋېتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.»جۇۋ ۋېيفەن مۇنداق دېدى: 600 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان بوشلۇقتىكى ئەينەك كارىدور 110 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئەينەك كارىدور، 180 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئەينەك سىيرىلما يول ۋە بىر چوڭ، ئىككى كىچىك مەنزىرە تاماشا قىلىش سۇپىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئەينەك كارىدوردا يەنە دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار 7D ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ئەينەك بار ئىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى