تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

9- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ئوقۇتقۇچىلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ

  خەلق تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: ئاددىي خىزمەت ئورنىدا تۇرۇپ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە تۆھپىلەرنى قوشقان ئوقۇتقۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ئوقۇتقۇچىلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى نەق مەيدان بېلەت سېتىش كۆزنىكىگە بېرىپ، رەسمىيەت بېجىرىپ ھەقسىز كۆگەزمىگە كىرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى