تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئەسنىگەندە ئېڭەك چۈشۈپ كېتىش قانداق ئەھۋال

نۇرغۇن كىشىلەر قاقاقلاپ كۈلگەندىن كېيىن ياكى ئەسنىگەندە، ئېغىزىنى يوغان ئېچىۋەتكەندە تۇيۇقسىز ئېغىزىنى يۇمالماسلىق، يەنى «ئېڭىكى چۈشۈپ كېتىش» ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. ئۇنداقتا، ئېڭەك زادى نېمە ئۈچۈن چۈشۈپ كېتىدۇ؟

گۇاڭجوۋ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 3- دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى چېن دېشيۇڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئېڭىكى چۈشۈپ كېتىش» ئەمەلىيەتتە چېكە ۋە ئاستىنقى ئېڭەك بوغۇمىنىڭ ئاجراپ كېتىشىدۇر. ئەسنىگەندە ياكى قاقاقلاپ كۈلگەندە «ئېڭىكى چۈشۈپ كېتىش» ئەھۋالى ئېغىزنى ھەددىدىن زىيادە يوغان ئاچقانلىقتىن چېكە ۋە ئاستىنقى ئېڭەك بوغۇمىنىڭ ئاجراپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ.

قاقاقلاپ كۈلگەندە ۋە ئېغىزنى يوغان ئېچىپ ئەسنىگەندە ئېڭەك ئاسانلا چۈشۈپ قالغاندىن سىرت، تۆۋەنكى جاغ سىرتقى كۈچنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، تۆۋەنكى جاغ بوغۇمى زەخىملىنىش ھەمدە تۆۋەنكى جاغ ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار يارىلىنىشمۇ ئېڭەكنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ.

چېكە ۋە ئاستىنقى ئېڭەك بوغۇمى ئاجراپ كەتكەندىن كېيىن، ئېغىز نورمال يېپىلمايدۇ، شۆلگىيى ئاقىدۇ، يېمەكلىكنى چايناشقا ئامالسىز قالىدۇ، ئېنىق سۆزلىيەلمەيدۇ، ئېغىزىنى ئاچقاندا ئاغرىپ كېتىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا دوختۇر ئىزدەپ ئېڭەكنى ئورنىغا سالدۇرۇش كېرەك. 

گۇاڭجوۋ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «قوشۇش، ئېلىش ئۇسۇلى»نى ياخشى ئىشلەش  شىنجاڭنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش
  • جۇۋاۋا تۈگۈپ ئىتتىپاقلىق ھەققىدە پاراڭلىشىش
  • قىشلىق بېلىق تۇتۇش