ھازىر، جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىگە بولغان تونۇشى تېخى يېتەرلىك ئەمەس، كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشى يوشۇرۇن، تەرەققىياتى ئاستا بولغاچقا، كېسەللىك قوزغىلىش ۋاقتى ۋە كېسەللىك ئالامىتى روشەن بولمايدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە ئاسانلا «تەبىئىي قېرىش» ياكى «ئۇنتۇغاقلىق» دەپ خاتا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، ئاغرىق ۋە ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمايدۇ، ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا داۋالاتمىسا، دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش كېچىكىپ قېلىپ، جەمئىيەت ۋە ئائىلىگە ناھايىتى زور روھىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ياشانغانلار تۆۋەندىكىدەك ئون خىل ئالامەتنى بايقىغاندا، ناھايىتى دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن:
بىرىنچى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاجىزلاش.
ئىككىنچى، ئۆزى پىششىق بىلىدىغان خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق.
ئۈچىنچى، تىلدا توسالغۇغا ئۇچراش.
تۆتىنچى، ۋاقىت ۋە ئورۇننى ئېنىق بىلەلمەسلىك.
بەشىنچى، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى چېكىنىش.
ئالتىنچى، چۈشىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش.
يەتتىنچى، نەرسە - كېرەكلەرنى ياكى پۇللىرىنى نامۇۋاپىق جايغا قويۇپ قويۇش.
سەككىزىنچى، كەيپىياتى ۋە ھەرىكەتلىرى ئۆزگىرىپ قېلىش.
توققۇزىنچى، مىجەز-خۇلقى ئۆزگىرىپ قېلىش.
ئونىنچى، قىزىقىشىنى يوقىتىش.
خەلق گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى