شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 4-كۈنى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خۈەيروۋ رايونى، ئەنخۈي ئۆلكىسى خۇاڭشەن شەھىرىنىڭ يىشيەن ناھىيەسى قاتارلىق جايلار تىزىملىككە كىرگەن.
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بايلىق ئېچىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «‹13-بەش› يىللىق ساياھەتچىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى» گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»ىدىكى دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى «دۆلەتنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، بېكىتىش ۋە باشقۇرۇش يولغا قويۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «دۆلەتنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆلچىمى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»غا ئاساسەن، تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرى ئىچىدە جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن شەھىرىنىڭ جىڭگاڭشەن شەھىرى، خۇبېي ئۆلكىسى يىچاڭ شەھىرىنىڭ يىلىڭ رايونى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى لىنجى شەھىرىنىڭ لۇلاڭ مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10-شىسى 185-تۇەنى قاتارلىق 71 رايون، ناھىيە ۋە ئورۇن بار ئىكەن.
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 2018-يىلى 3- ئايدا بېسىپ تارقاتقان «پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»گە ئاساسەن، پۈتۈن رايون ساياھىتىدە ساياھەتچىلىكنىڭ ئىشىك بېلىتى ئىقتىسادىدىن كەسىپ ئىقتىسادىغا ئۆزگىرىشنى، يىرىك، تۆۋەن ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدىن ئىنچىكە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلغا ئۆزگىرىشنى، بېكىنمە ساياھەتنىڭ ئۆزلىكىدىن ئايلىنىشىدىن ئېچىۋېتىلگەن «ساياھەت +»قا ئۆزگىرىشنى، كارخانىنىڭ يالغۇز بەھرىلىنىشىدىن جەمئىيەت ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا ئۆزگىرىشنى، مەنزىرە رايونىنىڭ ئىچكى باشقۇرۇشىدىن ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئۆزگىرىشنى، تارماقلارنىڭ ھەرىكىتىدىن ھۆكۈمەت بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۆزگىرىشنى، يەككە مەنزىرە نۇقتىسى، مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئۇنىۋېرسال مەنزىل مۇلازىمىتىگە ئۆزگىرىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.