تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

ساۋەن ناھىيەسى: بەنلى كاۋىسى بازاردا قارشى ئېلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، مۇخبىر ساۋەن ناھىيەسى ئۇلان ئۇس بازىرى ۋاڭجيالياڭ كەنتىگە بارغاندا، يول ياقىسىدىكى ئېتىزدا، سېرىق گۈللەرنىڭ مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغانلىقىنى، ياپيېشىل پېلەكلەرنى ئىككى يانغا قايرىغاندا، يېشىل پوستلۇق كىچىك كاۋىلارنىڭ قاتار يېتىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

  كۆز ئالدىمىزىدىكى بۇ مەزگىل دەل مول ھوسول پەسلى، شىخەنزە تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى ساۋەن شۆبە ئىدارىسىنىڭ ئۇلان ئۇس بازىرى ۋاڭجاچۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئېتىز باشلىرىغا كېلىپ، دېھقانلار بىلەن بىللە بەنلى كاۋىسىنى ئۈزدى.

  ۋاڭجيالياڭ كەنتى سېلېن يەر بايلىقى مول بولۇشتەك ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولۇپ، سېلېن ئېلېمېنتى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۆستۈرۈش رولىغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋاڭجيالياڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسى ۋە خىزمەت ئەترىتى «كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى + خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، سېلېنلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، خىزمەت ئەترىتى ھەر يىلى كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئېكېسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئىلغار تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە يېڭى سورتلىرىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى ھازىرلاپ بەردى. بازاردىكى سېتىش يولىنى ئېچىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى يەنە دېھقانلار بىلەن بىللە ئۈرۈمچى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىغا بېرىپ سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، چۆچەككە بېرىپ ئىمپورت - ئېكسپورت سودا شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مول سېلېن ماركىسىنى يارىتىپ، مول سېلېن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ يىراقلارغا يەتكۈزدى.

  «مەن 2015-يىلىدىن باشلاپ بەنلى كاۋىسىنى پەرۋىش قىلىپ كەلدىم، تەمى ياخشى بولغاچقا، ھەر يىلى سېتىش يولىدىن ئەنسىرىمەيمەن. بەنلى كاۋىسى بازارغا سېلىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، سېتىۋالىدىغان سودىگەرلەر ئۆيۈمگە كېلىپ سېتىۋالىدۇ. بۇ يىل مەن 20 مودىن ئارتۇق يەرگە بەنلى كاۋىسىنى تېرىپ، 30 توننا كاۋا ئۈزدۈم، كەنتتىن چىقماي تۇرۇپ كاۋىلارنى سېتىپ بولدۇم.» بەنلى كاۋىسى تىلغا ئېلىنغاندا كەنت ئاھاللىسى لى شۇتىيەن ھاياجانلانغان شۇنداق دېدى.

    (ماقالىنى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن جاڭ يىنخۇەن تەمىنلىگەن) 

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى