تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى - تيەنجىن دېڭىز - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتتا ئۈلگە كۆرسىتىش نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى

ئۈرۈمچى - تيەنجىن دېڭىز - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتتا ئۈلگە كۆرسىتىش نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقتى، بۇ پويىز پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر تۈرلۈك ماللارنى ئېلىپ، تيەنجىن پورتى ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يەتكۈزىدۇ.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋىرى، فوتوسى) 9- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى - تيەنجىن دېڭىز - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتتا ئۈلگە كۆرسىتىش نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقتى، نۆۋەتچى پويىز P V C ماتېرىيالى، ئاليۇمىن بۇيۇملار، ئامىنو كىسلاتا قاتارلىق بۇيۇملارنى بېسىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن يولغا چىقىپ، تيەنجىن پورتىغا يېتىپ بېرىپ، تيەنجىن پورتىدىن دېڭىز تىرانسپورتى ئارقىلىق، بۇ بۇيۇملارنى دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى چوڭ پورت، شۇنداقلا ياۋروپا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئافرىقا قاتارلىق ئاساسلىق پورتلارغا يەتكۈزىدۇ.

  بۇ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن تيەنجىن پورتىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز بولۇپ، پۈتۈن لىنىيەدە نۇرغۇن يۈك دېڭىز تىرانسپورتى ئارقىلىق توشۇلىدۇ، بۇ ئۈرۈمچى - تيەنجىن دېڭىز - تۆمۈريول بىرلەشمە ترانسپورتى نۆۋەتچى پويىزى مۇلازىمىتىنىڭ دائىملاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى